□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ
جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى بىر ئايدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئورۇن زاكاز قىلىش مىقدارى بىردەك كۆرۈنەرلىك ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئورۇن زاكاز قىلىش مىقدارىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتىنىڭ ئېشىشى %25 بولغان، بېيجىڭ داشىڭ، گۇاڭجوۋدىن ئالتايغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئورۇن زاكاز قىلىش مىقدارىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتىنىڭ ئېشىشى %40تىن ئاشقان.
شىنجاڭ قار - مۇز بايلىقى مول رايون بولۇپ، قار مەزگىلى ئۇزاق، قار سۈپىتى ئەلا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى بازار تومۇرىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى تەمىنلەش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، شىنجاڭ قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ «قىزىپ كېتىشى»گە پائال كۈچ قوشۇپ، قار - مۇز ساياھىتى قولايلىق سەپىرى، ئىللىق سەپىرى ۋە ئەمەلىي نەپ سەپىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.
ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئايرودۇرۇملارنى مىسالغا ئالساق، 2024 - يىلى قىش پەسلىدە، ئالتاي، قاناس، كۆكتوقايدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى ئايرودۇرۇملاردا ئايروپىلان قاتناۋاتقان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 22گە يېتىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى 12 نۆۋەت، 24 ئايروپىلان قېتىم بولۇپ، 2023 - يىلى قىشلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئۇچۇش - قونۇش قېتىم سانىدىن ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %22 بولدى. ئالتاي شۆدۇ ئايرودۇرۇمىدا 2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش - قونۇش سانى 8160 ئايروپىلان قېتىم بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %50.5 ئاشتى؛ يولۇچى توشۇش مىقدارى 760 مىڭ 118 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %50.71 ئاشتى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەربتە ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش، شەرقتە دۆلىتىمىز ئىچىنى تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىچىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان، 2024 - يىلى جەمئىي 240 قەرەللىك يولۇچى - يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تىجارەت قىلىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارىدا 27 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىملىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.
شيېچېڭ سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 - يىلى قىش پەسلى كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مېھمانسارايلىرىنىڭ زاكاز مىقدارى 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىردەك %70 ئاشقان. قار - مۇز ئىقتىسادى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ئىستېمالىنى بارغانسېرى جانلاندۇرغان. كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ «ئۇچار تاكسى»غا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قار - مۇزىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشى ئىستېمال يېڭى نورمال ھالىتىگە ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىگە كەلگەن ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ زاكاز مىقدارى %162 تېز ئاشقان.
2024 - يىلىدىكى قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىن بۇيان، كەڭ قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قار - مۇز ساياھىتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى بەرپا قىلدى.
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇاڭجوۋدىن ئالتايغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەپتىدە ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلاننى، بېيجىڭدىن ئالتايغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتتى، ئۈرۈمچىدىن قاناسقا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتتى، ئۈرۈمچى - ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە ئىككى - ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچى - كۆكتوقاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشنى ئىشقا ئاشۇردى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى دۆلەت ئىچىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن يولۇچىلار مەنبەسىنى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا ئالمىشىش قولايلىقىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەتىگەن، چۈش، كەچ بويىچە ئورۇنلاشتۇردى؛ قاناس ۋە كۆكتوقاي نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى بىردەك چۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، ۋۇخەن، چاڭشا قاتارلىق جايلار بىلەن شۇ كۈنى قوش يۆنىلىشتە ئايروپىلان ئالمىشىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە. ئالتاي ۋىلايىتىگە بارىدىغان يولۇچىلار دۆلىتىمىز ئىچىدىكى 20 شەھەردىن بىۋاسىتە ئۇچالايدۇ ياكى ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالمىشىپ مەنزىلگە يېتىپ بارالايدۇ. 2024 - يىلىدىكى قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە توشۇغان يولۇچى سانى 55 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19 ئاشتى.
ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئاۋىياتسىيە بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش، مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قار تېيىلىش كوللېكتىپى ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋە ئايروپىلان ئالمىشىش مەخسۇس پوكىيى تەسىس قىلىپ، «قار تېيىلىش تاختىسىنى ئالدىن كېلىشىپ قويۇش، كۆتۈرۈپ يۈرمەسلىك» «ئايروپىلان بۆلمىسىدىن ئايروپىلان بۆلمىسىگىچە» قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى؛ چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى 150 يۈەن، 299 يۈەن، 499 يۈەنلىك شىنجاڭغا «چەكسىز ئۇچۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى؛ خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ئالاھىدە ساياھەت، قار - مۇز ساياھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە «ئاۋىياتسىيە + ساياھەت» كەسىپ زەنجىرى يېپىق ھالقىسىمان مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلدى...
شىنجاڭ يولۇچىلار مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئايروپىلان ئالماشقۇچىلارنىڭ ئارام ئېلىش رايونىنى ئۆزگەرتتى، بىر كېچە قونۇپ ئايروپىلان ئالمىشىدىغانلارنىڭ ھەقسىز ياتىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئايرودۇرۇمدىن ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى قار تېيىلىش رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان مەخسۇس ئاپتوموبىل مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. ئالتايدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملار قار تېيىلىش كوللېكتىپى بىلەن ئالدىن كېلىشىش ۋە مەخسۇس پوكەي مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، قار تېيىلغۇچىلارغا ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش مەخسۇس پوكىيىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى ھەم ئالدىن ئورۇن تاللاتتى، يۈك - تاقلارنى يەتكۈزۈش، قار تېيىلىش تاختىسىنى توشۇشقا ھاۋالە قىلىش مەخسۇس پوكىيى قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.
2025 - يىلى 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئالتاي ۋىلايىتى پۇدۇڭ - تۇرپان - قاناس، شېنجېن - تۇرپان - ئالتاي قاتارلىق قار - مۇز ساياھىتى ھۆددە ئايروپىلانى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، كەڭ قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى قار تېيىلىش جابدۇقلىرىنى مەنزىلگاھقا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش سەپەرگە چىقىش تەسىراتى بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ ساياھەتچىلەر بىلەن ئالتاي ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.