ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى
بۇ يىلقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالدىن ئويلاپ ئالدىن ئىشلەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇھىم، قىيىن خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېشىش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسى، تىرەك نۇقتىسى ۋە خەۋپ - خەتەر نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، 1 - پەسىللىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە پىلانلاپ، ئەسقاتىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالدىن ئويلىشىپ، ئالدىن ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ قايتا ئۆرلەش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس. 2025 - يىلى، مەۋقەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى قاتارلىقلارغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ، باشلامچى بولۇش ئۈنۈمى ياخشى بولغان بىر تۈركۈم يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى تېز پىلانلاش كېرەك. سىياسەت تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، يېشىل ھېسابلاش كۈچى، بىيوياسىمىچىلىق، سودا - ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلگۈسى كەسىپلەر، زامانىۋى كەسىپلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستېمال ساھەسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، «ئىككى يېڭى» خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈزۈم ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۇنجى ئىجادىيەت شەكلىدىكى، توپلاشتۇرۇش شەكلىدىكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك تىجارەت - سودا مۇھىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە تىرەك نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھازىر بار بولغان خىزمەت مېخانىزمى، نۇقتىلىق سۇپا، ئاكادېمىكلار كوللېكتىپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق بولغان بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، رايون، سودا، مۇھىت قوغداش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاپ، سىياسەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بازار تىجارەت سۇبيېكتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە خەۋپ - خەتەر نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىجىل تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ماسلاشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات پىكىر يولى ۋە چارىسى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش ھالىتى ئارقىلىق بۇ يىللىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، مۇقىيات جارمۇقامەت، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، پەن شى قاتارلىقلار قاتناشتى.