تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى مەھسۇلات▏ قۇملۇق بويىدىكى ئوت كەبى چىلانلار تېخىمۇ بازار تاپىدۇ

  

شىنجاڭ چاقىلىقنى تىلغا ئالغىنىمىزدا

ئەڭ تونۇشلۇق بولغان كىروران خارابىسى، «خۇاشيادىكى بىرىنچى چوڭ ناھىيە» دېگەن ناملاردىن باشقا

يەنى چىلان ماكانى دېگەن نامى بار

چاقىلىق چىلىنى

سىلىق، پارقىراق، تەمى تاتلىق

مېۋىسى قىزىل، ئېتى قېلىن، پوستى نېپىز، ئۇرۇقى كىچىك 

چىلانلار ئىچىدىكى ئېسىل چىلان ھېسابلىنىدىغان بولۇپ

چاقىلىق چىلىنىنىڭ تېخىمۇ بازار تېپىشى مۇقەررەر

قۇملۇق چېتىدىكى «قىزىل بېزەكلەر»

  چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چىلانچى دېھقانلار چىلان قاقماقتا. (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى)

   چاقىلىق ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقى، قۇمتاغ قۇملۇقى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان

ھۆل-يېغىن ئاز، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول

قىروۋسىز مەزگىلى ئۇزاق، كېچە-كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇش

چىلاننىڭ ئۆسۈشىنى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە قىلغان

بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن چىلاننىڭ سۈپىتى ياخشى، تەمى ئالاھىدە ياخشى

پوستى نېپىز، ئېتى قېلىن، ئۇرۇقى كىچىك، تەمى تاتلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر

چاقىلىق چىلىنىنى چىلانلار ئىچىدە ئېسىل چىلانغا ئايلاندۇرغان

ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەتنىڭ «جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلات ئىسپاتى تاۋار ماركىسى» «جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلات»

ۋە «جۇڭگونىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» «شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشگەن

ھەر يىلى كۈزدە، قىپقىزىل كىچىك مېۋىلەر شاخلارغا لىق تولۇپ

قۇملۇق ئەتراپى مول ھوسۇلغا تولغان «قىزىل بېزەكلەر» بىلەن بېزىلىدۇ

 دەرەختە مېۋىلىگەن «ئوزۇقلۇق خەزىنىسى»

چىلانچى دېھقانلار چىلاننىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

   چىلان جۇڭگودىن چىقىدۇ

  «خۇاڭدى نېيجىڭ»دا بەش خىل مېۋە «ئالۇچا، ئۆرۈك، چىلان، شاپتۇل، كاشتان»بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ تىلغا ئېلىنغان

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ چىلان ئۆستۈرۈش تارىخى ناھايىتى بۇرۇن

جۇڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، چىلاننىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل، تال ۋە ئاشقازانغا پايدىلىق

بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان تولۇقلاپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، دورا تەسىرىنى پەسەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە

چىلان تەركىبىدە ئاقسىل، قەنت، ئورگانىك كىسلاتا، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C

كۆپ خىل مىكرو كالتسىي ۋە ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق مول ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بار

قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ئېسىل مەھسۇلات

مېۋە ئېتىدىن چىلان ئاچچىقسۈيى، چىلان ھارىقى، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان مەھسۇلات قاتارلىق بىر قاتار مەھسۇلاتلار ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ

  چىلان ئۇرۇقى تەركىبىدە چىلان مېغىزى يېغى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تەركىب بار بولۇپ

تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش ۋە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە

  چىلان بىلەن ئالقات، گۇييۈەن قاتارلىقلاردا بىللە چاي دەملەپ ئىچسە

بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، قان تولۇقلاپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇغا ياردەم بېرىدۇ

بۇ ياشلارنىڭ زۆرۈر كۈتۈنۈش چايلىرىنىڭ بىرىغا ئايلاندى

 چىلاندىن كۆپ خىل پايدىلىنىش       چىلاننىڭ يەنە «ماھىر ئۆزگەرگۈچى» دېگەن نامى بار

  ياڭاق قىستۇرۇلغان چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم قىستۇرۇلغان چىلانلارنىڭ نامى جاي-جايلارغا تارقالغان

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ

چىلاندىن ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار 10 نەچچە خىلدىن ئېشىپ

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، ئىستىراھەت يېمەكلىكى، ئىچىملىك قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ

چىلان ھارىقى، چىلان قىيامى، چىلان ئاچچىقسۈيى، چىلان ئىچىملىكى، چىلان يېمەكلىك تالاسى

 چىلان كونسېرۋاسى، چىلان چېيى قاتارلىق كېڭەيتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ھەر يىلى ئالتۇن كۈزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چىلان بايرىمىدا

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەر بەس-بەستە سېتىۋېلىپ

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىلاندىن ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار تور ۋە تور سىرتىدا ساياھەتچىلەرنىڭ تەم سەزگۈسىنى قوزغايدۇ

  چاقىلىق چىلىنىنىڭ قىزىللىقى

تۈپ-تۈپ چىلان دەرەخلىرىدىن ئوزۇق ئالغان ئىللىق رەڭدۇر

بارلىق شەيئىلەرنى رەڭلىگەن ھەم بارلىق شەيئىلەر تەرىپىدىن رەڭلەنگەن قىزىللىقتۇر

  چاقىلىق چىلىنىنىڭ تاتلىق تەمى

ناچار مۇھىتتا بارلىققا كەلگەن شېرىن تەم

جاپالىق ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەن تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدۇر

  نازارەت قىلغۇچى: دىڭ تاۋ، ياڭ تاۋ

   پىلانلىغۇچى: لو لىڭ

  ​تېكىستى: ليۇ فاڭ

   لايىھەلىگۈچى: شى رۇي

  ماتېرىيال مەنبەسى: شىنخۇا تورى، گۇاڭمىڭ تورى، تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.