تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ: جىكپۇلىننى ئاسىيا بويىچە كۈتۈۋېلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا مەدەت بېرىلىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان.

   «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قار-مۇز ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، جىكپۇلىننى ئاسىيا بويىچە كۈتۈۋېلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا مەدەت بېرىلىپ، يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى، جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى يىللىق كۈتۈۋېلىش مىقدارى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان قار-مۇز ساياھەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ، جياڭجۈن تېغى، كۆكتوقاي، جىكپۇلىن قار تېيىلىش مەيدانلىرى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرىدىغان قار تېيىلىش مەيدانى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى قاتارلىق قار-مۇز ساياھەت يادرولۇق رايونلىرىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «تېيىلىپ كىرىپ-تېيىلىپ چىقىدىغان» مېھمانساراي قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئىقتىساد تىپىدىكى مېھمانساراي، ياشلار مېھمانخانىسى، ئورمان ئىستىراھەت مېھمانسارىيى، يېزا-كەنت مېھمانسارىيى قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت مېھمانخانا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم قار-مۇز خاس كىچىك بازارلىرى بەرپا قىلىنىدۇ. ھەر يىلى قار-مۇز ساياھەت ئېسىل لىنىيەسىدىن ئونى يولغا قويۇلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.