2025-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى
چېن ياڭ فوتوسى
جۇڭگو تۆمۈريولى بىرلەشمە يۈك ساندۇقى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى مەركىزىي بېكىتىگە بوشلۇقتىن نەزەر (2025-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان). بۇ مەركىزىي بېكەت جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى تەۋەلىك رايونىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12ـ شىسىنىڭ رايون بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى ۋە يۈك قاچىلاش-چۈشۈرۈش قوشۇمچە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن، بىر پۈتۈن يۈك ساندۇقى نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بېرىش-كېلىش ۋە يۈك توشۇش، قاچىلاش-چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنى قاندۇرالايدۇ. 2024-يىلى، بۇ مەركىزىي بېكەتنىڭ مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى 239 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇققا يەتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى