تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئانار سانلىق مەلۇمات لىنىيەسى | كۈندە 2500 توننىدىن ئاشتى! كورلا نەشپۈتى «شېرىن»لىكى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تاپتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيتى    

    

    2024-يىلى، كورلا نەشپۈتى 13 مىليارد 930 مىليون يۈەنلىك داڭلىق ماركا قىممىتى بىلەن 2024-يىللىق جۇڭگو مېۋە رايونى ئاممىۋى داڭلىق ماركا قىممىتى تىزىملىكىگە كىردى. 

   2024-يىلى، كورلا شەھىرىنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش كۆلىمى 400 مىڭ 200 موغا يېتىپ، مەھسۇلات مىقدارى 500 مىڭ توننىدىن ئاشتى. 2025-يىلى يېڭى يىلدىن بۇيان، كورلا نەشپۈتىنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 2500 توننىدىن ئاشتى.

   كورلا نەشپۈتىنىڭ بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشى، ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ ئېسىللىكىدىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، تېز يەتكۈزۈش كەسپى ۋە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىشىنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەشپۈتنىڭ سېتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە نەشپۈتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى يېڭى، شېرىن كورلا نەشپۈتىنى تېتىپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: چاۋ جىن

ئىشلىگۈچى: چى لېي

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.