تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جازىدىن» چۈشۈرۈلدى!

   1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ۋىيشىن شەنخۇ بىخەتەرلىكى سۇپىسى «بەلگىلىمىگە خىلاپ مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرى تۈرىدىكى كىچىك پىروگراممىلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (2025-يىل 1-ئاي)»نى ئېلان قىلدى:

   ۋىيشىن بىخەتەر، ساغلام، يېشىل بولغان سۇپا ئېكولوگىيە - مۇھىتى بەرپا قىلىشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى، سۇپىدىكى مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرى كىچىك پىروگراممىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى، تەرتىپلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سۇپا كارخانا ئاساسىي گەۋدىسىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىندا «كىچىك پىروگراممىلاردىكى <مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرى> تۈرىدىكى مەزمۇنلارنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «كىچىك پىروگراممىلاردىكى <قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرى> تۈرىدىكى مەزمۇنلارنى باسقۇچلۇق تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەزمۇنلارنى باسقۇچلۇق تۈزەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرىدىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلارنى باسقۇچلۇق تۈزەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «بەلگىلىمىگە خىلاپ مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئىسمىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى ھەمدە مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرى كىچىك پىروگرامملىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئەلالاشتۇردى، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

   يېقىندا، سۇپا چارلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، قىسمەن مىكرو قىسقا تېلېۋىزىيە  تىياتىرى تۈرىدىكى كىچىك پىروگراممىلاردا بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلۇقىنى ئەنگە ئالدۇرماسلىق، ناچار يېتەكچى قىممەت قارىشى مەزمۇنلىرى ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىدى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىنىڭ تەلىپى، شۇنىڭدەك «تېڭشۈن ۋىيشىن يۇمشاق دېتال ئىجازەت مۇلازىمىتى كېلىشىمى»، «ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى يۈرۈشتۈرۈش قائىدىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سۇپا بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر قىسىم مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرىنى «جازىدىن» چۈشۈردى ھەمدە بەلگىلىمىگە خىلاپ كىچىك پىروگراممىلارنى بىر تەرەپ قىلدى.

   بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر قىسىم مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى:

   ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان بىر قىسىم كىچىك پىروگراممىلار ئېلان قىلىندى:​

   بۇنىڭغا ئۇلاپ، ۋىيشىن شەنخۇ بىخەتەرلىكى سۇپىسى مىكرو قىسقا تېلېۋېزىيە تىياتىرى تۈرىدىكى كىچىك پىروگراممىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، يۈرۈشتۈرگۈچىلەرنىڭ تور ئۈن-سىن مەزمۇنى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ  پاكىز تور ئۈن-سىن بوشلۇقى بەرپا قىلىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.