تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭدا: ھەر يىلى قانات يايدۇرۇلىدىغان تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك قار - مۇز مۇسابىقە پائالىيىتى 200 تۈردىن كەم بولمايدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان.

   «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاممىۋى قار-مۇز پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاممىۋى قار-مۇز پەسلى، ئاممىۋى قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش ئۆلچىمىگە يېتىش سىنىقى قاتارلىق پائالىيەتلەر سىجىل قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، قار-مۇز مارافونى، قارلىق دالا پۇتبولى، قارلىق دالا ئات بەيگىسى، مۇز ئۈستى يەلكەنلىك كېمىسى، قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى قاتارلىق قار-مۇز ئىستىراھەت مۇسابىقە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىۋى قار-مۇز مۇسابىقىسى داڭلىق ماركىسى يارىتىلىدۇ. «مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» پائالىيىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، قار-مۇز مۇسابىقىلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا، كوچا رايونىغا، سودا چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. ھەر يىلى قانات يايدۇرۇلىدىغان تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك قار-مۇز مۇسابىقە پائالىيىتى 200 تۈردىن كەم بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.