تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ
«ئاپا، قاراڭ، بۇ ساۋمېي ھەم چوڭ، ھەم قىزىل ئىكەن!» 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگوۋ بازىرى دۇڭۋەن كەنتى ياۋمېي ساۋمېي ئۈزۈش باغچىسى ئىللىق كەيپىياتقا چۆمدى، پارنىكتىكى رەڭگى ئوچۇق، چىرايلىق ساۋمېيلار ئۆزگىچە خۇش پۇراق چاچتى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە موكىدەك ئۆتۈشۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، مېۋە ئۈزۈش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولدى.
ساياھەتچىلەر پارنىكتا ساۋمېي ئۈزمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
«ھەر يىلى قىشتا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى شۈيشىگوۋ ئەتراپىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ قار تېيىلىمىز. قار تېيىلىشتىن بۇرۇن پارنىكقا بېرىپ ساۋمېي ئۈزىمىز» دېدى ساياھەتچى گو يۈتىڭ.
بۇ باغدىكى ساۋمېي ئۆستۈرىدىغان دېھقان لېي ۋەنسى مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ يىل مەن ئىككى خىل سورتلۇق ساۋمېي تېرىدىم، يېرىمى نەييوۋ ساۋمېي، يېرىمى شاكىلات ساۋمېي بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، كۆپ قىسىم ساياھەتچى قار تېيىلغىلى كەلگەچ، بۇ يەرگە كېلىپ ساۋمېي ئۈزۈپ كېتىدۇ».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۈيشىگوۋ بازىرى قار-مۇز ساياھىتى، يېزا-كەنت ساياھىتى قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ نەپىس يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، مېۋە ئۈزۈش، يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا ئىستىراھەت ساياھىتىنى شەكىللەندۈردى.
ساياھەتچىلەر پارنىكتا ساۋمېي ئۈزمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
«ھازىر، بىزنىڭ پارنىكتا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا ئۈزگىلى بولىدىغان نەرسىلەر بار» دېدى لېي ۋەنسى.
بالىسىنىڭ ساۋمېي ئۈزگەنلىكىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان ساياھەتچى گو يۈتىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ساۋمېينىڭ سورتى كۆپ ھەم تەبىئىي پىشىدۇ، ئۈزگەندە ساۋمېي ئۆستۈرگۈچىلەر سىزگە تەملىك ساۋمېينى قانداق تاللاشنى قولمۇقول ئۆگىتىدۇ، شۇڭا قىزىم بۇ يەرگە كېلىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ».
شۇ كۈنى مۇخبىر دۇڭۋەن كەنتىدىكى مېۋە ئۈزۈش رايونىدا ھەربىر پارنىكقا ساياھەتچىلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. لېي ۋەنسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر قېتىمقى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن، يېڭى يىل كۈنىلا ئۇنىڭ پارنىكى 100گە يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان. «پىشقان ساۋمېيلارنى چۈشتىن بۇرۇن ساياھەتچىلەر ئاساسەن ئۈزۈپ بولدى، چۈشتىن كېيىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈزەلمىدى».
بەيشۆگۇڭجۇ ساۋمېي.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
ساۋمېيدىن باشقا، دۇڭۋەن كەنتىدىكى ئۈزۈش رايونىدا يەنە لەنمېي، مېۋە شوخلا، ئەنجۈر، ئادەمگىياھ قاتارلىق ئالاھىدە مېۋىلەر بار.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىڭزى گۈل-گىياھ، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، شۈيشىگوۋ بازىرى دۇڭۋەن كەنتىدىكى دېھقان جاڭ شىيىڭ بۇ يىل شەندۇڭدىن چىڭپى، بوجىخۇڭ، جۇڭزى، زاۋخۇاڭ، جۇڭنۇڭخۇڭ، بۇلەنرۇيكې قاتارلىق 27 خىل سورتلۇق ئەنجۈرنى كىرگۈزدى، «ئۈچ مو يەردىكى ئەنجۈرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 2700 كىلوگىرامدىن ئاشتى».
شاكىلات ساۋمېي.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
زىمىستان قىشتا، شۈيشىگوۋ بازىرىغا بېرىپ قار تېيىلىش، ھۆل مېۋە ئۈزۈش ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىشتىكى قىزىق تاللىشى بولۇپ قالدى، «مېۋە ئۈزۈش ساياھىتى»مۇ قىش پەسىللىك يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.