تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلىدىغان بولدى!

    پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلىدىغان بولدى! باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، بۇ ئادەتتىكى پويىزلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا %20، ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا %30 چۈشۈرۈلىدۇ.

   1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2024-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 162 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ 48 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە كۈنىگە 14 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىلار پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە 500 مىڭ ئەتراپىدا ئورۇن كۆپەيتىلىدىكەن، يولۇچى-ئورۇن ئىقتىدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدىكەن. 

   مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ياخشىلاش ئۈچۈن، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جۇ ۋېنجۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سالمىقى نۇقتىلىق زورايتىلىپ، قىسمەن جىددىي بولمىغان ۋاقىت، يۆنىلىشتىكى يولۇچىلار پويىزىدا ئېتىبارلىق بېلەت باھاسى يولغا قويۇلىدۇ، ئادەتتىكى پويىز بېلىتىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %20 ئېتىبار بېرىلىدۇ، ئوق پويىز گۇرۇپپىسى بېلىتىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %30 ئېتىبار بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يولۇچىلار تېخىمۇ كۆپ سەپەرگە چىقىش تاللىشىغا ئىگە بولىدۇ ھەم ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدۇ. 

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر تېرمىنالى

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.