□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى
قول تۇتۇشۇپ ئويۇن قويۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش، ھەمتۈرتكە بولۇپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مەھسۇلات سېتىش، كەسىپنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ تەرەققىياتنى كۆزلەش... يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى جايلار، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما كۆپ خىل شەكىلدىكى مېھىر ـ مۇھەببەت يۇغۇرۇش ـ ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، بۇ، قىش پەسلىدىكى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان مەنزىرىگە ئايلاندى.
«مۇھىم بايراملار يېتىپ كەلسىلا، كەنت كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋە يېزا ـ بازاردىكى كادىرلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يەپ، مۇڭدىشىپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، قاينام ـ تاشقىنلىق كەيپىياتقا تولىدۇ. كادىرلار بىلەن ئامما ئارىسىدىكى بۇ <مېھىر ـ مۇھەببەتنى يۇغۇرۇش كۆۋرۈكى> بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.» 2024 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش «كەنت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»گە تەييارلىق قىلىۋاتقان كۇچا شەھىرىنىڭ چىمەن بازىرى يۇڭكۇ ئىتتىپاقلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇن جىباۋ شۇنداق دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «بىر سىستېمىدا بىر خاسلىق، بىر تارماقتا بىر يارقىن نۇقتا بولۇش» پىكىر يولى بويىچە، 41 مىڭ پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىنى 116 مىڭ ئائىلىلىك ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا تەشكىللەپ، ئامما ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كادىرلار ياردەم بېرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىدارە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» تۇغقانلىشىش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆتتە بىللە بولۇش، سەككىزنى يەتكۈزۈش» «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» «تارىخقا نەزەر سېلىش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش» قاتارلىق ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. 2024 ـ يىلى، تۇغقانلاشقان ئائىلىلىكلەرنىڭ تۈرلۈك ئىلتىماس ـ تەلىپىدىن جەمئىي 93 مىڭ 300نى ھەل قىلدى.
كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇشنى ئاساس قىلغان «كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇش كۆۋرۈكى»نى پۇختىلىغاندىن سىرت، ئاقسۇ ۋىلايىتى يەنە مۇستەھكەم بولغان «جەمئىيەتنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇش كۆۋرۈكى» «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇش كۆۋرۈكى» «ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇش كۆۋرۈكى» «نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇش كۆۋرۈكى» «جېجياڭ بىلەن ئاقسۇنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇش كۆۋرۈكى»نى بەرپا قىلدى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئەزالار توختىماي ئۇرغان مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئەزالار ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان سودىگەرلەر. ھەر يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى دائىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق كېچىلىكى تەشكىللەيدۇ، ئەزالار ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەچكە، بىرلەشمە دوستلۇق كېچىلىكىنىڭ كۆلىمى يىلدىن ـ يىلغا كېڭەيدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتى بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، قوشنىلار ئارا، سودىگەرلەر ئارا، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئارا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا يېتەكلەپ، «ئانار كۈنى» «يۈز ئائىلە زىياپىتى» «قوشنىلار بايرىمى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىسى، ئولتۇراق رايون، مەمۇرىي كەنت، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىدىن 1430نى بەرپا قىلغان. يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ھەم ئالاقىلىشىش پونكىتىدىن 120نى قۇرۇپ، تەخمىنەن 70 مىڭ ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە تۈرتكە بولغان.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىڭتۇەنگە يېقىن تۇەن ـ مەيدانلىرىدىكى بىر قىسىم يېزا ـ بازارلار مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغاندا، دائىم تۇەن ـ مەيداندىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى تەڭ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىڭتۇەن 1 ـ شىدىكى ئورگان، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلار بىلەن ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش، قوشماقلىشىپ بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، كەسپىي جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەلىكىدىكى نېفىتلىك كارخانىلىرى يەنە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى كەنتتە تۇرۇپ يار ـ يۆلەك بولۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىدىن جەمئىي 3000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇقنى قانات يايدۇرۇپ، 13 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىپ، نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇش يولىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېجياڭ بىلەن ئاقسۇنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى يۇغۇرۇش داڭلىق ماركىسى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇرۇلدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ كۈچلۈك كارخانىلىرى، كۈچلۈك بازارلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاجىز كەنتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن نەپ يەتكۈزۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى «مېھىر ـ مۇھەببەتنى يۇغۇرۇش كۆۋرۈكلىرى» تۈمەنلىگەن قەلبنى مۇجەسسەملىدى.