تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2024 ـ يىلى شىنجاڭدىن قاتنىغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 2023 ـ يىلدىكىدىن %14 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 ـ يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئالاتاۋ، قورغاس ئىككى پورت ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 16 مىڭ 414 قېتىمغا يېتىپ، 2023 ـ يىلدىكىدىن %14 ئېشىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

2024 ـ يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ جايدىن قاتنايدىغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى سىجىل ئاشتى، شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. نۆۋەتتە، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 123كە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 85كە يېتىپ، بارغانسېرى كۆپ كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ماشىنا ـ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تاۋارلارنى شىنجاڭ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش تاللىنىدىغان بولدى.

2024 ـ يىلى، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 7684 قېتىم بولۇپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %15.8 ئاشقان؛ قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 8730 قېتىم بولۇپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %12.5 ئاشقان ۋە بىردەك تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

قورغاس ۋوگزالى ۋە ئالاتاۋ ۋوگزالى بېرىش ـ كېلىش لىنىيەسىدىن پايدىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، لىنىيەنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پويىزنىڭ ۋوگزالدا ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى. پورت تىرانسپورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ـ قوماندانلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتنىشىغا قارىتا بىر گەۋدىلەشكەن قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، تەڭشەپ، پويىزلارنى قوبۇل قىلىش ۋە پويىزلارنىڭ مال تاپشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، ۋاكالەتچىلىك كارخانىسى قاتارلىق بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 95306 رەقەملىك پورت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش، تاموژنىدا يۆتكەپ توشۇشنى ئىلتىماس قىلىش نىسبىتىنى كېڭەيتىپ، تالون تەرجىمە قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلات ھالقىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يولغا قويۇپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش، تەكشۈرۈلۈش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، پورت ۋوگزالىدا يۈك توشۇشنى كۆپەيتىش، توشۇش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

«2024 ـ يىلى قاتنىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سانىنىڭ 22 قېتىمدىن كۆپ بولۇشىنى ساقلىدۇق، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى سائەتتە چېگرادىن كىرىپ قايتىدىغان بىر جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئالماشتۇرۇش ـ قاچىلاش مەشغۇلاتى تاماملىنىدۇ» دېدى قورغاس ۋوگزالى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ رۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.