1-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چېنشىن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ھەر بىر ئىستېمالچى ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالسا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر مەھسۇلاتقا بېرىشتىن ئۈچ مەھسۇلاتقا بېرىشكە كۆپەيتىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا ياردەم پۇلى بېرىش يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە بېزەكچىلىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا سىجىل زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىلىدۇ. (مۇخبىر ۋېي يۈكۈن، جاڭ شياۋجيې)
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى