تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

شىنجاڭدا قىسمەن نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى قاتارلىق خادىملارغا بېرىلىدىغان نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يەنە ئۆستۈرۈلىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن خۇا خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى قاتارلىق خادىملارغا بېرىلىدىغان نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنىڭ يەنە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. 

   بۇ قېتىمقى ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىق 20 مىڭدىن ئارتۇق خادىمغا نەپ يەتكۈزىدۇ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى تارماقلىرى تەشكىللىنىپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۇدا ئالتە قېتىم ئۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۇرۇشتا مېيىپ بولغان مېيىپ ھەربىيلەرگە بېرىلىدىغان مېيىپلىك نەپىقە پۇلى، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىلىدىغان قەرەللىك نەپىقە پۇلى %6 ئۆستۈرۈلىدۇ؛ خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان مېيىپ ھەربىيلەرگە بېرىلىدىغان مېيىپلىك نەپىقە پۇلى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىلىدىغان قەرەللىك نەپىقە پۇلى %5 ئۆستۈرۈلىدۇ؛ يېزىلاردىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە بېرىلىدىغان قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 1321 يۈەن كۆپەيتىلىدۇ؛ ئۇرۇشقا، سىناققا قاتناشقان ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە بېرىلىدىغان قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئېيىغا 42 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ، كېسەل سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتقان ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە بېرىلىدىغان قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئېيىغا 31.5 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ، يېزا ۋە شەھەر-بازارلاردا ئولتۇرىدىغان خىزمەت ئورنى يوق، 18 ياشتىن بۇرۇن قەرەللىك نەپىقە پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمىغان ھەم  ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ 60 ياشقا توشقان پەرزەنتلىرىگە بېرىلىدىغان قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئېيىغا 41 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ؛ 1954-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن تاكى «ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ھەربىي سەپكە كىرگەن، يېشى 60تىن ئاشقان (60 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دۆلەتنىڭ قەرەللىك نەپىقە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولمىغان يېزا نوپۇسىدىكى ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ياشانغانلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ھەر بىر يىلىغا يىللىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى 32 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ.

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى قاتارلىق خادىملارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، دەل جايىدا، تولۇق تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.