تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پوسكامدىكى قۇرۇق مېۋە پىششىقلاش ئالدىراشلىقى، شاڭخەيدىن زاكازلار ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى

  1-ئاينىڭ 4-كۈنى، پوسكام ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ جياڭلۇ بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مېۋە پىششىقلاش سېخىدا خىزمەتچى خادىملار مەھسۇلاتلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا. بۇ شىركەت شاڭخەي شەھىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ بىرى، شىركەت «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تېرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش، سېتىش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، %95 مەھسۇلات زاكاز شەكلىدە شاڭخەيگە سېتىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يۈن)

بۇ شىركەتنىڭ مېۋە پىششىقلاش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار مەھسۇلات ئىشلەپچىقارماقتا.

بۇ شىركەتنىڭ مېۋە پىششىقلاش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار قۇرۇتۇلغان شىنمېي قېقىنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.