مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر) مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بىڭتۇەن داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بىڭتۇەن تەخمىنەن 32 مىڭ كىشىنى داۋالىنىش ياردىمى ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزگەن، داۋالىنىش ياردىمى فوندىدىن 56 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىغا 110 مىڭ ئادەم قېتىم ياردەم بەرگەن؛ قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئاممىغا 8 مىليون 150 مىڭ يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىراجىتى ياردەم قىلغان، بۇنىڭدىن 30 مىڭ كىشى مەنپەئەتلىنىپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ۋە سۇغۇرتا ھەققى يۈكى ھەقىقىي تۈردە يېنىكلىتىلگەن.
بىڭتۇەن داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش بويىچە مەركەزلىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. (ماتېرىيال سۈرەت)
بىڭتۇەن داۋالاش كاپالىتى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت
2024-يىلىدىن بۇيان، بىڭتۇەن كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش خىراجىتى يۈكىنى يېنىكلىتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ھەممىسىنى داۋالىنىش ياردىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىڭتۇەن داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى داۋالىنىش كاپالىتى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە يېپىق ھالقىلىق كۆزىتىش، يار -يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى، «بىر ئائىلە بايقالسا، بىر ئائىلىنى كۆزىتىش، بىر ئائىلىگە يار-يۆلەك بولۇش، بىر ئائىلىنى ئۇدۇللۇق تۈگىتىش» تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كۆزىتىش تەرتىپىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېز بايقاش، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىش، دەل جايىدا يار-يۆلەك بولۇش، ئۇدۇللۇق تۈگىتىشتەك ئۇدۇللۇق كۆزىتىش ۋە يار-يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.
بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشتىن قوش ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تۈرگە ئايرىپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى يۈزبەرگەن قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاسقاپ تەكشۈردى، تۆۋەن كاپالەت گىرۋىكىدىكى ئائىلە ئەزالىرى ۋە كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئاسانلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان، نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ئىچىدە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارغا چىقىم قىلغاندىن كېيىن شەخسلەر يىللىق جەمئىي ئۈستىگە ئالىدىغان داۋالىنىش خىراجىتى 2000 يۈەندىن ئاشسا، داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىىش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈلدى؛ بىڭتۇەننىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملار ئىچىدە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى قاتارلىقلاردىن چىقىم قىلىنغاندىن كېيىن شەخسلەر يىللىق جەمئىي ئۈستىگە ئالىدىغان داۋالىنىش خىراجىتى ھەرقايسى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %50ىدىن ئاشسا، داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزىتىلىىدىغان كىشىلەر توپىنى ئۇدۇللۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى ھەم سوزۇلما ئالاھىدە كېسەللەرنى ئۇدۇللۇق ئىز قوغلاپ داۋالاش، دوختۇرخانىدا ياتقاندا ئاتچوت قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئۇدۇللۇق ئىز قوغلاپ تەكشۈردى.
2025-يىلىدىن باشلاپ، بىڭتۇەن ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە تۈرگە ئايرىپ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشقا قاتنىشىش ئۆلچىمى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش نىسبىتى ۋە يىللىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش چېكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھوقۇق ۋە مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، داۋالىنىش ياردىمى فوندىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. بىڭتۇەن داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۈرلۈك داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلىشى، جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پايدىسىدىن خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەندىكى ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىغا تېخىمۇ زور سالماق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.