مەنبە: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
1-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇ بىپايان كەتكەن ئاق رەڭلىك دۇنيادا، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن تەۋەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان كۈنەس دەرياسى خۇددى ئويناپ تۇرغان يىپەك لېنتىدەك مۇز تۇتۇپ كەتكەن تۇپراقنى كېسىپ ئۆتكەنىدى. دەريا قىرغىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قار بىلەن قاپلانغان دەل-دەرەخلەر خۇددى قاتار-قاتار سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان قوغدىغۇچىلارغا ئوخشاش قىش پەسلىدە ئېقىۋاتقان بۇ ھاياتلىق دەرياسىنى قوغداپ تۇراتتى.
ئېگىزدىن قارىغاندا، كۈنەس دەرياسى ئاق رەڭلىك تۇپراقتا ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، خۇددى قار-مۇزلار ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرگەن زېرەك ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ. ئەگرى-بۈگرى دەريا ئېقىنى كەڭ كەتكەن ئاق رەڭلىك تۇپراقتا گۈزەل ئەگرى سىزىقلارنى ھاسىل قىلغانىدى. ئۇ ئۆزگىچە قىياپىتى بىلەن قىش ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، جىمجىت ھەم سېھرىي كۈچكە تولغان قىش مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى. ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان دەريا پۈتكۈل قىشنىڭ مەنزىرىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدىكى گۈزەللىككە تولدۇرغان بولۇپ، زېرىكىشلىك ۋە جىمجىت ئەمەس ئىدى.
(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي)