تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئەڭ يېڭى خەۋەر! ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش-كېڭەيتىپ قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك

1-ئاينىڭ 6-كۈنى

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش-كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى بويىچە

2-، 3-ئۇچۇش يولىدا ئۇچۇش تەرتىپىنى نەق مەيداندا دەلىللەش

ئۇچۇشنى سىناق قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى

​بۇ قېتىمقى ئۇچۇش تەرتىپىنى نەق مەيداندا دەلىللەشنى

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوئىن 787 تىپلىق ئايروپىلانى ئىجرا قىلدى

شۇ كۈنى سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ سىناق تەرىقىدە ئۇچۇش ئايروپىلانىنىڭ

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ 1-ئۇچۇش يولىدىن ئۇچۇشى بىلەن

دەلىللەپ سىناق تەرىقىدە ئۇچۇش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىدە ئۇچۇش ۋاقتى

كۈندۈزدە ئىككى سائەت، كېچىدە تۆت سائەت بولۇپ

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش-كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى بويىچە

2-، 3-ئۇچۇش يولىنىڭ ئۇچۇش تەرتىپى ۋە يۈرۈشۈش ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئۈنۈملۈك دەلىللەندى

شۇنىڭ بىلەن بىللە

يەنە ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ

يەر يۈزى كاپالەت ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى

شۇنداقلا ئۇچۇش يولى، سىيرىلىش يولى ۋە ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، ئەتراپتىكى ھاۋا بوشلۇقى ئەھۋالى قاتارلىقلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلدى

سىناق تەرىقىدە ئۇچۇش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش- كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ

مۇكەممەل يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

بۇ، كېيىنكى كەسىپلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە مەيدان يۆتكەپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بەردى

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.