تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

پاڭدۇڭلەي ئۆز ئالدىغا كاناپ سومكا سېتىشقا باشلىدى! خام ئەشياسى شىنجاڭ پاختىسى!

1-ئاينىڭ 5-كۈنى

پاڭدۇڭلەي ئۆز ئالدىغا كاناپ سومكا سېتىشنى باشلىدى

بۇ بىر يۈرۈش كاناپ سومكا ئالتە خىل پاسوندا بولۇپ

نۆۋەتتە تور ۋە تور سىرتىدا بىردەك سېتىلىشقا باشلىدى

 پاڭدۇڭلەي ئېلان قىلغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە

كاناپ قول سومكىسىغا ئىشلىتىلگەن خام ئەشيا

شىنجاڭ ئاقسۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختىسى

سېتىلىۋاتقان ئالتە خىل پاسوندىكى كاناپ قول سومكىسىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئاق رەڭلىك

باھاسى 180 يۈەندىن 270 يۈەنگىچە

مەنبە: تەنجى پاڭدۇڭلەي ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

تاۋار تەپسىلاتى ئىچىدە

پاڭدۇڭلەي بۇ بىر يۈرۈش كاناپ سومكىغا ئىشلىتىلگەن

ماتېرىيال، بۇيۇملارنىڭ باھاسىنىمۇ ئېلان قىلغان

180 يۈەنلىك كاناپ سومكىنى مىسالغا ئالساق

تەننەرخنى چۈشەندۈرۈش جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە

180 يۈەنلىك كاناپ سومكىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەننەرخى 143.84 يۈەن بولۇپ

ئومۇمىي پايدا نىسبىتى %20.09 بولغان

ھەر يىلى 9-ئاي كىرگەندىن كېيىن

ئاقسۇدىكى كەڭ كەتكەن ئېتىزلاردا

تۇتاش كەتكەن ئاپئاق رەڭ

چۆل-باياۋاندىكى بوستانلىقلارنى ئادەتتىن تاشقىرى جۇلالاندۇرىدۇ

بۇ ئاپئاق رەڭ دەل «شىنجاڭ پاختىسى» 

 ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىنىڭ نۇرباغ يېزىسى جېنشىڭ كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

 جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا قاراش كېرەك

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر پاختا تېرىغان رايونلارنىڭ بىرى

 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

 دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن

2024-يىلى شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 686 مىڭ توننا بولۇپ

ئالدىنقى يىلدىكىدىن 574 مىڭ توننا كۆپ بولۇپ

  11.2% ئاشقان

ئۇدا يەتتە يىل مۇقىم ھالەتتە بەش مىليون توننىدىن يۇقىرى بولغان 

 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ فېڭخۇي پاختىچىلىق كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ چىگىت ئايرىش زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىملار تايلانغان پاختىلارنى چۈشۈرمەكتە. خې لۇڭ فوتوسى

 كېۋەز بىر خىل ئىللىقلىقنى، يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدىغان

چەكسىز ئۆسۈش ئادىتىگە ئىگە ئىقتىسادىي زىرائەت

شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا

تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق ھاۋارايى شارائىتىغا ئىگە

 شايار ناھىيەسى قايلور بازىرىدىكى بىر كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). ليۇ يۈجۇ فوتوسى

 شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق

بۇلۇت مىقدارى ئاز، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولۇپ

پاختا تالاسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق

شىنجاڭ پاختىسى نېمە ئۈچۈن ياخشى؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

 تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 16 سائەتتىن ئاشىدۇ

بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇق بايلىقى يېتىشتۈرۈش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا، شورغا، سوغۇققا چىداملىق، ماشىنىدا يىغىۋېلىشقا ماس كېلىدۇ

كېۋەز تېرىقچىلىقىدىكى كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا خەلقئارا ئالدىنقى ئورۇندىكى سەۋىيەگە يەتكەن

شىنجاڭنىڭ ماشىنىلاشتۇرۇپ پاختا يىغىش نىسبىتى يۇقىرى

كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك

ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، تۈرلۈك سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئاشقان

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.