يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ قۇمكۆل قۇملۇقىدا، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى توپ-توپ ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قۇملۇقتا يۈگۈرۈۋاتقانلىقىنى، كۆچۈۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.
قۇمكۆل قۇملۇقى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 1600 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەر دېڭىز يۈزىدىن 3900 مېتىردىن ئېگىز بولۇپ، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ.
قۇملۇق ئاساسلىقى ئېگىز پىرامىدا شەكىللىك قۇم بارخانلىرى، بىرىكمە يېڭى ئايسىمان قۇم بارخانلىرى ۋە يېڭى ئايسىمان قۇم بارخانلىرىنىڭ تۇتىشىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قۇم، سۇ، ياۋايى ھايۋانلار بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قالتىس مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئاپتورلار: سۇ چۈەنيى، ليۇ يۈشەن، ۋېن شىڭخۇا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈن-سىن بۆلۈمى ئىشلىگەن
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى