تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، تىزىملىتىش باشلىنىدۇ!

​  يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى (يېزىقچە ئىمتىھان)غا تىزىملىتىش خىزمىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇردى.

   بۇ قېتىمقى يېزىقچە ئىمتىھان 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشى ئارقا-ئارقىدىن تورغا چىقىرىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپ بويىچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە توردا تىزىملىتىش، شەخسىي ئۇچۇرنى تولدۇرۇش، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش قاتارلىق ئىشلارنى تاماملىشىنى سورايمىز، سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە توردا ھەق تاپشۇرۇش تاماملىنىدۇ.

   ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن ئىمتىھانغا سەمىمىي قاتنىشىش ھەم تىزىملىتىشتىن بۇرۇن تىزىملىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق «سەمىمىيلىك بىلەن ئىمتىھان بېرىش ۋەدىسى»نى جەزملەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇنداق قىلمىسا ئىمتىھانغا تىزىملىتىش رەت قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىشتىن بۇرۇن جەزمەن شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى (يېزىقچە ئىمتىھان)غا تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشىدىكى تۈرلۈك مەزمۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىشتا كېرەكلىك تۈرلۈك شەرتلەرنى تولۇق ئىگىلەپ، ئالاقىدار تەلەپ بويىچە تىزىملاتسا بولىدۇ.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.