تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | قاردىن كېيىنكى دۆربىلىجىن سوغۇق ھەم جىمجىت

 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، قار ئۇچقۇنلىرى ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، دۆربىلجىن ناھىيەسى كۈمۈش رەڭلىك لىباس بىلەن ئورالدى. تاڭ نۇرى ئەمدىلا كۆرۈنگەندە، سەھەر تۇمانلىرى خۇددى شايىدەك يېنىك لەيلەپ يۈرەتتى. ئاسمان سۇس كۈل رەڭ ھالەتكە كىرىپ، خۇددى قەدىمىي شېئىرلاردىكى تىنچ ئارقا كۆرۈنۈشكە ئوخشاش، قۇرۇق شاخ-شۇمبىلارنى گەۋدىلەندۈردى. شاخلارنى كۈمۈش رەڭلىك قىروۋ ئوراپ، ھەربىر تۈپ دەرەخ قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ نەپىس ھەيكەلگە ئايلىنىپ، جىمجىت ھەم سوغۇق قىشتىكى ئۇزۇن يۆگىمە رەسىمنى ئورتاق سىزىپ چىقتى.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا جىمجىت ياتقان دەريا سۈيى خۇددى بىر پارچە ئويۇلمىغان كۈمۈش ئەينەككە ئوخشاش، ساپ، نۇقسانسىز دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. يەنە كېلىپ، بۇ بىر توپ غەمسىز ھەم بەخىرامان ئاق قۇلار ئەينەك يۈزىنى يەڭگىل زىننەتلەپ، بۇ جىمجىت كۆرۈنۈشكە جانلىقلىق ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

مەنبە: دۆربىلجىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تەرەققىيات مەركىزى

(دۆربىلجىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ليۇ دۇڭپىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇاڭ زىخەن، قاينار ئاغاجان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.