يېڭى يىلدا يېڭىچە كەيپىيات!
ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى «يېڭى پوپايكا كىيدى»
(بۇ ھەرگىزمۇ AI ئەمەس)
نۇرباغ BRT بېكىتى ئەتراپى
چوڭ دەرەخلەر پوپايكا كىيگەندىن كېيىن
بەكمۇ ئوماق ھالەتتە
قىزىقارلىق چىراي ئىپادىلىرىگە ئايلاندى
ئەمما يەنە، بىر-بىرىدىن ئەپچىل
رەڭگارەڭ
ئىللىق ھەم ئوماق
«سەنئەت بۇيۇمى»غىمۇ ئايلاندى
تېز كېلىپ قانداقلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ
بۇ ئوماق «پوپايكا كىيگەن چوڭ دەرەخ»لەر
ئۈرۈمچىنىڭ قىش كۈنلىرىدىكى ئالاھىدە مەنزىرىسى بولۇپ قالدى
يولدىن ئۆتكەندە كۆرۈپ بېقىشنى قولدىن بېرىپ قويماڭ!
«پوپايكا كىيگەن چوڭ دەرەخ»لەر
ئادەمگە بىردىنلا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدۇ
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭلەر
بۇ شەھەرنى جانلىق، جۇشقۇن كۆرسىتىدۇ
بۇ يەردە سىز بەلكىم
«پوپايكا كىيگەن»دىن كېيىن، چوڭ دەرەخنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە
قىزىقىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن
خۇلاسە شۇكى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەسىرى يوق
بىراق ھاۋا ئىللىشقا باشلىغاندا
بۇ «پوپايكا كىيگەن دەرەخ»لەر
پوپايكىلىرىنى سېلىۋېتىشى مۇمكىن
شۇڭا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى بۇ ئوماقلارنى
ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىپ كۆرۈپ كېلىڭ
بىز يەنە كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى
مەدەنىي تاماشا قىلىپ
بۇ ئىللىق شەھەر مەنزىرىسىنىڭ
تېخىمۇ ئۇزاققىچە ساقلىنىشىغا كۈچ چىقىرايلى ~
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى