1. ۋاقتىدا غىزالىنىش
دەم ئېلىش مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەكنىڭ ۋاقتىدا بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئوينىدىم، ئۇخلىدىم دەپ نورمال يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا بۇنىڭغا ماسلىشالماسلىقتىن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، ھەر قېتىم ھېيت-بايرام كۈنلىرى ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، بەزى كىشىلەرنىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچاپ، دەم ئېلىپمۇ كېسەل بولۇپ قالىدۇ، بۇ كۆپ قىسىم كىشىلەردە يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش
ھاراققا چەك قويۇش، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ھاراق ئىچكەندىمۇ بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك، زىيادە كۆپ ئىسپىرت جىگەر، چوڭ مېڭە، نېرۋا سىستېمىسى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى زەخىملەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن كېلىپ چىققان قاتناش ھادىسىسى، ئامانلىق ھادىسىسى قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك،
3. كۆكتاتنى كۆپ يېيىش
ھېيت-بايراملاردا تاماق ئۈستىلىدە قورۇمىلار مول بولىدۇ، ھەر ۋاقلىق تاماقتا گۆشتىن ئايرىلالمايمىز، لېكىن كىشىلەر دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەيلىرى كۆپۈپ قالىدۇ، بۇ چاغدا گۆشلۈك قورۇمىلارنى ئازراق، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، بەدەندىكى بىئاراملىقنى تۈگىتىدۇ، يېڭى كۆكتاتلار ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە مول سېللۇلوزا بولۇپلا قالماي، تاماقنى ياغسىزلاشتۇرۇپلا قالماي، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ نورمال لۆمۈلدىشىنى ساقلاپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەندىكى ئارتۇق كىسلاتالىق ماددىلارنى نېيتراللاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
4. مېۋە-چېۋىنى كۆپ يېيىش
بايرامدا يېمەك-ئىچمەكنىڭ قالايمىقان بولۇشى ئادەمنىڭ ئىسسىقىنى ئاسانلا ئاشۇرۇپ، قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە ھەم ئىسسىقنى قايتۇرۇش، زەھەرنى تازىلاش، ئۈچەينى سىلىقلاش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مېۋە-چېۋە بىلەن كۆكتاتنىڭ ھەزىم قىلىش ۋاقتى ۋە جەريانى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئايرىم-ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك، بولمىسا مېۋە-چېۋە تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ئېنزىملار كۆكتاتنىڭ سېللۇلوزىسى تەرىپىدىن بۇزۇلىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەي تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمەيدۇ.