يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: «دۆلەت ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىدىكى بەيبەيپو ۋاكسىنىسى ۋە بەيپو ۋاكسىنىسىنىڭ ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاتا-ئانىلار دۆلەت ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىدىكى بەيبەيپو ۋاكسىنىسى ۋە بەيپو ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تەرتىپى بويىچە، شۇ ياش باسقۇچىدىكى بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك.
يېقىندا، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە «دۆلەت ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىدىكى بەيبەيپو ۋاكسىنىسى ۋە بەيپو ۋاكسىنىسىنىڭ ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۈچ ئايلىق، تۆت ئايلىق، بەش ئايلىق، 18 ئايلىق بولغانلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئادسورپسىيە ھۈجەيرىسىز كۆكيۆتەل-بوغما-قاتما بىرلەشمە ۋاكسىنىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بەيبەيپو ۋاكسىنىسى دېيىلىدۇ) ۋە ئالتە ياشلىق بالىلارغا بىر قېتىم ئادسورپسىيە ھۈجەيرىسىز كۆكيۆتەل-بوغما-قاتما بىرلەشمە ۋاكسىنىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بەيپو ۋاكسىنىسى دېيىلىدۇ)نى ئەملەش تەرتىپىنى تەڭشەپ، ئىككى ئايلىق، تۆت ئايلىق، ئالتە ئايلىق، 18 ئايلىق، ئالتە ياشلىق بولغان ھەربىر بالىغا بىر قېتىم بەيبەيپو ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تەرتىپىنى تەڭشىدى. يەتتە ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان بالىلارغا بەيپو ۋاكسىنىسى تولۇقلاپ ئەملىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئالدىنقى تۆت قېتىملىق بەيبەيپو ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تەرتىپى بولۇپ، ئەسلىدىكى «ئۈچ ئايلىق، تۆت ئايلىق، بەش ئايلىق، 18 ئايلىق بولغانلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئەملەش»تىن «ئىككى ئايلىق، تۆت ئايلىق، ئالتە ئايلىق ۋە 18 ئايلىق بولغانلارغا بىردىن ئەملەش»كە تەڭشەلگەن؛ ئالتە ياشلىق بالىلارغا ئەسلىدە بىر قېتىم ئادسورپسىيە ھۈجەيرىسىز كۆكيۆتەل-بوغما-قاتما بىرلەشمە ۋاكسىنىسى (بەيپو ۋاكسىنىسى) ئەملەشتىن بىر قېتىم بەيبەيپو ۋاكسىنىسى ئەملەشكە تەڭشەلگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بەيبەيپو ۋاكسىنىسى كۆكيۆتەل، بوغما ۋە قاتما كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ئىكەن. كۆكيۆتەل كۆكيۆتەل بوتتېر باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى نەپەس يولىدا تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، قويۇق ئۇچرىشىش ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ، يۇقۇمچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك. كىشىلەر كۆك يۆتەلگە ئومۇميۈزلۈك ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، بوۋاقلار، بالىلار تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؛ بوغما بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى نەپەس يولى (نەپەس يولى بوغما)غا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا نەپەس يولى توسۇلۇپ قېلىش، يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە نېرۋا زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ قاتما كېسىلى بولسا يارا ئېغىزى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى مۇسكۇللارنىڭ قېتىشىشى ۋە تارتىشىپ قېلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى)دىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپىنى تەڭشەشتە، ئاساسلىقى بوۋاقلار، بالىلارنىڭ كۆكيۆتەلگە بولغان ئىممۇنىتېت كۈچىنى تېخىمۇ بالدۇر ئاشۇرۇپ، بالىلارنىڭ كۆكيۆتەلگە بولغان ئىممۇنىتېت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان، يېڭى ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى بوۋاقلار، بالىلارنى ھازىرقى ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپىگە قارىغاندا تېخىمۇ بالدۇر ئىممۇنىتېتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە، كېسەل بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، تېخىمۇ ئالدىغا سۈرۈلۈپ ئىككى ئايلىق بولغاندا كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى ئەملەش ۋە ئالتە ياشقا كىرگەندە ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق، كىچىك ئايلىق بوۋاقلار ۋە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ كېسەل بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
ئاتا-ئانىلار يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، بەيبەيپو ۋاكسىنىسى ئەملەش بوۋاقلار، كىچىك بالىلارنىڭ كۆكيۆتەلگە گىرىپتار بولۇش ۋە ئۆلۈش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپى بويىچە، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا بالدۇرراق، پۈتۈن جەريانلىق بەيبەيپو ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك، پۈتۈن جەريانلىق تولۇق ئەملەنمىگەن بالىلارغا بالدۇرراق تولۇقلاپ ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك.