ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) شىئەن قاتناش داشۆسى يېقىندا 2025-يىللىق ئۆسمۈرلەر سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تولۇقسىز 3-يىللىقتىن تولۇق 2-يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇرۇن تىزىملاتسا بولىدۇ، ئۆسمۈرلەر سىنىپى پۈتۈن مەملىكەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، 180 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى.
شىئەن قاتناش داشۆسى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۈن لىچيۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇش تەلەپ قىلىندى. بىرىنچى تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى بۇ يىل پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن (پىلان بويىچە 130 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ)؛ ئىككىنچى تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان تولۇق 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئاز ساندىكى ئالاھىدە مۇنەۋۋەر تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى دەرىجە ئاتلىتىپ تاللاشقا بولىدۇ (پىلان بويىچە 50 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ).
ئۆسمۈرلەر سىنىپىغا تاللانغان 1-تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار، ئىككى يىل تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدۇ (بىرىنچى يىلى شىئەن قاتناش داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ ئوتتۇرا مەكتىپى، تيەنجىن نەنكەي ئوتتۇرا مەكتىپى، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ھاۋالە قىلىپ تەربىيەلىنىدۇ، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ داشۆدە تەربىيەلىنىدۇ). تەييارلىق سىنىپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا «تەييارلىق سىنىپتىن بىۋاسىتە تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش» يولى ئېچىپ بېرىلىدۇ، تاللانغانلار پەقەت بىر يىللا تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدۇ. تەييارلىق مەزگىلىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان ھەمدە ئۇنىۋېرسال باھالاشتىن ئۆتكەنلەر تولۇق كۇرس باسقۇچىغا كىرىدۇ.
ئۆسمۈرلەر سىنىپىغا تاللانغان 2-تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار، تولۇق كۇرس باسقۇچىغا بىۋاسىتە كىرىدۇ. تولۇق كۇرس باسقۇچىدا «ئاساسىي ھەممىباب بىلىم + يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى» ئەندىزىسى بويىچە تەربىيەلىنىپ، مەكتەپنىڭ ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدىكى تەلەپكە يەتكەنلەر ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ياكى ئوقۇش يىلى ئۇزارتىلغان دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا بىۋاسىتە ئىمتىھانسىز يوللىنىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىمتىھان بېرىشقا تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىش سىستېمىسى ياڭگۇاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سۇپىسىدا تىزىملاتسا بولىدۇ. (تور ئادرېسى:https://gaokao.chsi.com.cn/zzbm/stu/select.action?zslx=8) قەغەز نۇسخىدىكى ماتېرىياللارنى ئەۋەتىش ھاجەتسىز، تاپشۇرغاندىن كېيىن بارلىق ماتېرىياللارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. شىئەن قاتناش داشۆسى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ئىلتىماس قىلغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرىدۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر شىئەن قاتناش داشۆسى ئۆسمۈرلەر سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دەسلەپكى ئىمتىھان سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
ئۆسمۈرلەر سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دەسلەپكى ئىمتىھانى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىنىدۇ، شۇ چاغدا قىسمەن شەھەرلەردە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دەسلەپكى ئىمتىھان سىستېمىسى ئىچىدىن تاللىنىدۇ. دەسلەپكى ئىمتىھان كومپيۇتېردا ئېلىنىدىغان ئىمتىھان بولۇپ، ئىككى تۈردە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئايرىم-ئايرىم سوئال چىقىرىلىدۇ. تەكرار ئىمتىھان 3-ئاينىڭ باشلىرىدا شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ شىڭچىڭ مەكتەپ رايونىدا ئېلىنىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى