تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

كەسىپتىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ! شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرى

  1-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون 2025-يىلى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىدا تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى 20 كەسىپتىن ئىمتىھان ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس 12، مەخسۇس كۇرس سەككىز بولۇپ، 225 پەندىن ئىمتىھان ئېلىش پىلانلانغان.

  2025-يىلى 4-ئايدىكى ئىمتىھاندىن باشلاپ، «ئىنگلىز تىلى مەخسۇس كۇرس كەسپى» ۋە «ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى تولۇق كۇرس كەسپى»گە يېڭىدىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملانمايدۇ، 2027-يىلى 10-ئايدىكى ئىمتىھاندىن باشلاپ دەرسلىك ئىمتىھانى ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ، 2028-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى بېجىرىلمەيدۇ ۋە تارقىتىلمايدۇ. 2027-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن مۇناسىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالمىغان ئمتىھان بەرگۈچىلەر باشقا كەسىپكە ئالماشتۇرۇپ داۋاملىق ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ.

  2025-يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىمتىھان ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 12دىن 28-كۈنى سائەت 18گىچە بولىدۇ؛ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىمتىھان 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 12دىن 5-كۈنى سائەت 18گىچە بولىدۇ.

  ئىمتىھان بەرمەكچى بولغانلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ، تىزىملىتىش تەرتىپىنى تەكشۈرسە بولىدۇ ھەم تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئىمتىھان بېرىشنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانى مەخسۇس كۇرس قاتلىمى ۋە تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى ئىمتىھان بېرىشكە بولىدىغان ھەرقايسى كەسپىي دەرسلەرگە بىرلا ۋاقىتتا تىزىملاتسا بولىدۇ، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزۈش رەسمىيىتىنى مەخسۇس كۇرس ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىپ يېرىم يىلدىن كېيىن بېجىرسە بولىدۇ.

  ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كېيىنكى ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ياكى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، يەنە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدۇ.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.