تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2025 - يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتى شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى ۋېنزۇنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2014 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، لى ۋېنزۇ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا - ئامانەت قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى بولغان مەزگىلدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 424 مىڭ 100 يۈەن بولغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۇزاق مۇددەت ھەقسىز ئارىيەت ئېلىپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن. لى ۋېنزۇدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋېن فۇلەينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، ۋېن فۇلەي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 604 مىڭ يۈەن بولغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنى ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى شېنجېندىن قەشقەرگە ئاپتوموبىللىق ئاپىرىپ قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۈستىگە ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنى ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن. ۋېن فۇلەيدە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئارشاڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى جېڭ بىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، جېڭ بىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 307 مىڭ 900 يۈەن بولغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان. جېڭ بىندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

تۇرپان شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى ساتتار قۇرباننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، ساتتار قۇربان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 72 مىڭ 300 يۈەن بولغان. ساتتار قۇرباندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، ئۇ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىنات بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئىلى ئوبلاستلىق سەيشىن مەبلەغ يۇغۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لىن فېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، لىن فېڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 165 مىڭ 900 يۈەن بولغان؛ شيامېندا تەربىيەلەنگەن مەزگىلىدە، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ، گۇتيەن قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن. لىن فېڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، 1 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى دۇ يىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2016 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، دۇ يى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 313 مىڭ يۈەن بولغان. دۇ يىدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئالتە تىپىك دېلو مىسالى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ دەرەخ ئۆرۈلسىمۇ يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدىغانلىقى، چەكلىسىمۇ تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، يۇقىرى بېسىم ھالىتىدىمۇ ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى يەنىلا يۈزبەرمەكتە، بەزىلەر بايرام ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئادەمگەرچىلىك ئالاقىسىنى دەستەك قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلغان، بەزىلەر تەلەي سىناپ بەلگىلىمىگە خىلاپ زىياپەت، ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان، بۇ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ جاھىل، مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، جەزمەن ئىرادىنى داۋاملىق ساقلاپ، قىلچە يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

ئىستىل قۇرۇلۇشى بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. تۈگۈن نۇقتىسى دەل ئىمتىھان نۇقتىسى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى سىنايدىغان، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مۇھىم ئۆتكەل، شۇنداقلا كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى كۆزىتىدىغان، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنى ھېس قىلىدىغان مۇھىم يۆنىلىش بەلگىسى. يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دائىم ۋە ئۇزاققىچە بولۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، قايتا - قايتا تۇتۇپ، قايتىلىنىشنى تۇتۇپ، باشقۇرۇپ ئادەت يېتىلدۈرۈپ، تۇتۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاكتىپ، ساغلام تۇرمۇش قىزىقىشى، كەسكىن، دۇرۇس تۇرمۇش ئىستىلى يېتىلدۈرۈشكە سىجىل يېتەكلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى روھىنىڭ گېپىدە تۇرۇپ ئاممىنى قايىل قىلىشتىن كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق ئىبرەت ئېلىپ، ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، «ئىدىيە چاڭ - توزانلىرى»نى پات - پات تازىلاپ تۇرۇش، «يامان نىيەت»نى ھەر ۋاقىت تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىش، قائىدىگە رىئايە قىلىشنى ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاشتىكى ئۆلچەمگە، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشتىكى ئەينەككە، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇشتىكى ئۆلچەمگە ئايلاندۇرۇشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىش، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە ئۈلگە كۆرسىتىش، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ ئىشلەش ئارقىلىق، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يىل ئۆتكىلىدە ئىستىل بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قاتتىق تەدبىرلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق سىگنال قويۇپ بېرىپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان غەيرەت بىلەن نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىبرەت قىلىش - چۆچۈتۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى تېز تەكشۈرۈپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىك ھادىسىلىرىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ئارىغا ئادەم قويۇپ ئىش بېجىرىش، نامۇۋاپىق مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش، ھوقۇق - پۇل سودىسى قاتارلىق چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر قېزىشى كېرەك. تۈزىتىش بىلەن ئۈلگە تىكلەشنى تەڭ قوللىنىش، راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈگۈن نۇقتىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش بىلەن يېڭى ئىستىل تىكلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچەپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.