تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى لوڭقىسى» قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى، پۈتۈن شىنجاڭدىن كەلگەن يەتتە كوماندىدىكى 63 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى. قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش تۈرى قارلىق تاغقا يامىشىش بىلەن قار تېيىلىشنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ناھايىتى ياخشى نامايان قىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك قىشلىق ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجىلەرنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، «300 مىليون كىشىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرى ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
12-ئاينىڭ 29-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر باشلىنىش نۇقتىسىدىن يولغا چىقماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
12-ئاينىڭ 29-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش مۇسابىقىسىدە. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
12-ئاينىڭ 29-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر تۈر ئالماشتۇرۇش رايونىدا جابدۇقلىرىنى ئالماشتۇرماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
12-ئاينىڭ 29-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر قار تېيىلىش مۇسابىقىسىدە. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
12-ئاينىڭ 29-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ كەلدى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى