□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو خۇڭلېي
«قېزا، ئۆيىمىزدە ياسىغان قېزا، چىلان دەرىخىنىڭ ئوتىدا ئىسلىغان...» قىشلىق سوقۇم بايرىمى بازىرىدا ئارشېن بولات مانا مۇشۇنداق دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاۋاتاتتى، ئاغزىدىن چىققان ھور ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئاق تۇمان ھاسىل قىلغانىدى.
12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شىخۇ كوچا باشقارمىسى 3 - نۆۋەتلىك قىشلىق سوقۇم بايرىمىنى كۈتۈۋالدى، پائالىيەت ماجياجۇاڭزى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئارشېن ماجياجۇاڭزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ھەر قېتىم ساياھەتچىلەر كەلسىلا، ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئۆيىگە قايتىپ ئىشىك ئالدىدا يايما ئاچاتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنىڭ ماجياجۇاڭزى كەنتىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، يالغۇز مۇشۇ كەنتتىكىلەرلا ئەمەس ھەتتا، يېقىن ئەتراپتىكى بىرنەچچە كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ماجياجۇڭزاى كەنتىگە كېلىپ يايما ئاچىدىغان بولدى.
ئۆيدە تۈگكەن سامسىلار كوچىغا ئېلىپ چىقىلىپ دۇخۇپكىلاردا پىشۇرۇلدى؛ توغرالغان لەڭپۇڭ، ئۈزۈپ تاشلاپ تەييار قىلىنغان چۆپ ۋە توغرالغان سەۋزىلەر ئارقا - ئارقىدىن قازانغا سېلىندى، قازاندا چۆمۈش بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قازاننىڭ تۇۋىقى يېپىلدى، ئەمدىلىكتە مەززىلىك تائامنىڭ پىشىشى ۋە خېرىدارلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشتىن باشقا ئىش يوق ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن سوغۇقتا، سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسىسىق تائاملاردىن ئاپئاق ھور كۆتۈرۈلدى، ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇلار كەنت ئېغىزىدىن كىرىپلا قىشلىق سوقۇم بايرىمى بازىرىنى ئايلىنىشقا باشلىدى.
قۇرت، ئېرىمچىك، قولدا ئىشلەنگەن كەشتە، قولدا ياسالغان ئىگەر - جابدۇقلار، قۇرۇتۇلغان گۆش... يايمىلار غەرب تەرەپتىكى كەنت ئېغىزىدىن شەرق تەرەپكە قاراپ سوزۇلۇپ، كەنت مەركىزىگىچە تۇتاشقانىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 يېرىمدا، كەنت مەركىزىدىكى سەھنىدە شىخۇ كوچا باشقارمىسىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر تەييارلىغان نومۇرلار ئارقا - ئارقىدىن ئورۇندالدى. « ئالما ھىدى» «قاراجورغا» قاتارلىق شوخ مۇزىكا ساداسى پۈتۈن كەنتتە ياڭرىدى، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى گاھ كۆتۈرۈلۈپ گاھ پەسەيدى. چاچقۇ چېچىش ئويۇن قويۇش ھالقىسىدىكى مۇھىم ئويۇن بولۇپ، سىرت سوغۇق بولسىمۇ، تاماشىبىنلار قوللىرىنى سوزۇپ ئانىلار چاچقان ئامانلىق، بەختتىن دېرەك بېرىدىغان تاتلىق قەنت - گېزەكلەرنى ئالدى.
دەل مۇشۇ پەيتتە، كەنتنىڭ غەربىي چېتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئاللىبۇرۇنلا بوش يەرنى تاللاپ، مال - چارۋىلىرىنى بۇ يەردە سويۇشقا باشلىغانىدى. قىشلىق سوقۇم بايرىمى قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ئادەتتە ھەر يىلى 11 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 1 - ئايغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، قازاق مىللىتىدىن بولغان چارۋىچى ئاھالىلىرى تازا ئەت ئېلىپ سەمرىگەن بەزى ماللىرىنى سويۇپ، قىشتا يېيىشكە تەييارلايدۇ. قىشلىق سوقۇم بايرىمى قىشلىق يېمەكلىك تەييارلاش مەزگىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە، قازاق كەنتىدىكى كۆڭۈللۈك يىغىلىش ھېسابلىنىدۇ.
ماجياجۇاڭزى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شۈ جيامىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قىشلىق سوقۇم بايرىمى مەزگىلىدە، قازاق مىللىتىدىن بولغان چارۋىچىلار ئۆزگىچە مەززىلىك ئات گۆشى ۋە قېزىلارنى تەييارلايدۇ، بۇلار ئۇلارنىڭ قىشتىن ئۆتۈشتە ئالدى بىلەن تاللايدىغان گۆش تۈرى، «بۈگۈن جەمئىي 112 يايما بار، قازاق مىللىتىنىڭ تۈرلۈك خاس مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ياسىغان ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ ھەمبەھرىلەشنى ئويلايدۇ».
كۆزنى چاقنىتىدىغان تاۋارلاردىن باشقا، قىشلىق سوقۇم بايرىمى بازىرىدا كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر «سەييارە» ئات ئەترىتى بار. ئالدىدا باشلاپ ماڭغىنى كەنتنىڭ ئاتچىلىق مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسىدىكى 18 ياشلىق چەۋەنداز ما شۈبىن ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا قازاق مىللىتىنىڭ مۇراسىم كىيىمىنى كىيىپ، ئارغىماققا مىنىپ، قولىغا يان تېلېفوننى ئېلىپ، تورداشلارغا قىشلىق سوقۇم بايرىمىدىكى ئاۋات بايرام كەيپىياتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىۋاتاتتى.
چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردىن كەتكىسى كەلمەيتتى، يەنە بەزىلەر يول ئېغىزىدا تۇرۇپلا بىر قاچا پىنتاڭنى كۆتۈرۈپ، قولىنى ئىسسىتقاچ، پىنتاڭنى پۈۋلەپ ئىچىۋاتاتتى.
قىشلىق سوقۇم بايرىمى بازىرىدا ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايون (تۇدۇڭخابا رايونى)نى يېزا ئىگىلىك - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ فېڭپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بايرامنى بېيىتىش ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى قالتىس نامايان قىلىش بولۇپلا قالماستىن يەنە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، يېزا - كەنت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىگە ئايلاندى».