□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
«كېلىڭلار، كېلىڭلار، بىزنىڭ چىرا ناھىيەسىنىڭ شېكەر قومۇشىنى تېتىپ بېقىڭلار، بەك تاتلىق.» 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتە، چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرىنىڭ بازىرىدا، جۈمە سەپەر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كوزۇپىدا ئولتۇرۇپ، شېكەر قومۇشنى ئاقلاۋاتاتتى.
خېرىدار چاقىرىپ توۋلىغان ئاۋازلار ئاممىنى جەلپ قىلدى، ئۇلار بەس - بەستە قوللىرىنى سوزۇشۇپ جۈمە سۇنغان شېكەر قومۇشنى يەپ باقتى...
جۈمە چىرا بازىرى جىننەن يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ ئاپىسى مەرەمخان رەجەپ بىلەن شېكەر قومۇش ئۆستۈرگىنىنىڭ 2 - يىلى ئىدى.
جىننەن يېڭى كەنتى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش كەنتى، 2018 - يىلى، جۈمە ئائىلىسىدىكىلەر كۆچۈپ كەلگەن باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، پارنىكتا شوخلا، لازا، شياۋبەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدى. «ئائىلىمىز ئىككى پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، ھەممىسىگە شوخلا تېرىدۇق، شوخلىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىنغان، باھاسى ياخشى بولغان چاغلاردا، بىر پارنىكتىن يىلىغا 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز» دېدى جۈمە.
جىننەن يېڭى كەنتىدە كۆكتات پارنىكىدىن 482سى بار، كۆپىنچىسىگە شوخلا، لازا، خاڭگا، قوغۇن، توغاچ، ساۋمېي قاتارلىق ئەنئەنىۋى مېۋە - كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. قانداق قىلغاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىرىمنى ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى يەنىمۇ تومپايتقىلى بولىدۇ؟ كەنت كومىتېتى نەزەرىنى جەنۇبنىڭ «ئاز ئۇچرايدىغان» مېۋىسىگە قاراتتى. 2023 - يىلى 3 - ئايدا، جىننەن يېڭى كەنتى گۇاڭشى شېكەر قومۇشىنى كىرگۈزدى، شېكەر قومۇشنى كۆرۈپ باقمىغان مەرەمخان تۇنجى بولۇپ «قىسقۇچپاقا يېگۈچى» بولۇشنى ئويلىدى.
تېخنىكلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىنلا پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش تەجرىبىسى بولغاچقا، مەرەمخان شېكەر قومۇشنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتى ۋە پەرۋىش ئۇسۇلىنى ئاستا - ئاستا توغرا ئىگىلەپ، تۇنجى يىلى سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان جىننەن يېڭى كەنتىنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، قۇياش نۇرى يېتەرلىك چۈشىدىغان بولۇپ، ئۆستۈرۈلگەن شېكەر قومۇشنىڭ تەمى چۈرۈك، تاتلىق، سۇ تەركىبى كۆپ بولغاچقا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. «بۇلتۇر بىر پارنىكتىكى شېكەر قومۇشنى 13 مىڭ يۈەنگە ساتتىم، بۇ يىل شېكەر قومۇش ئەمدىلا بازارغا سېلىندى، مۆلچەرىمچە 25 مىڭ يۈەنگە ساتالايمەن.» جۈمە مۇنداق دېدى: شېكەر قومۇشنى بازارغا ئاپىرىپ ساتىمەن، بۇلتۇر ئۆزىمىز ئۆستۈرگەن شېكەر قومۇش يېتىشمەي، يەنە شىنجاڭ سىرتىدىن ئازراق توپ سېتىۋېلىپ ئەكىردىم.
رەت - رەت شېكەر قومۇش ئېگىز ھەم مەزمۇت تۇراتتى، تۈپ - تۈپ چارتال دەرەخلىرى سۇس سېرىق رەڭدە چېچەكلىگەنىدى، ئاناناس مايسىلىرى تۇپراقنى يېرىپ چىققانىدى... جىننەن يېڭى كەنتىدىكى قاتار - قاتار پارنىكلارغا كىرگەندە، «ئاجايىپ - غارايىپ» جەنۇبنىڭ خاس مېۋىلىك دەرەخلىرى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.
جىننەن يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۈلبەھرەم ھېكىم مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنتىمىزدە مەخسۇس تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى تېپىپ تۇپراقنى ئۆلچەپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ تەجرىبە ئېتىزىدا سىناق قىلىپ ئۆستۈردۇق، سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاندىن كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدۇق. نۆۋەتتە، شېكەر قومۇش، چارتال، ئاناناس، يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان جۇخارگۈلى قاتارلىق ئون خىلغا يېقىن خاس مېۋە - كۆكتات ئۆستۈرۈلدى.
«شېكەر قومۇش ئەمدىلا بازارغا سېلىنىشى بىلەن، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئامما ھەپتە ئاخىرىدا داكا قىلىپ مېۋە ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.» گۈلبەھرەم مۇنداق دېدى: جىننەن يېڭى كەنتى چىرا ناھىيەسى قۇم دېڭىزىدىكى زۇمرەتكۆل مەنزىرە رايونىغا پەقەت بىر كىلومېتىرلا كېلىدۇ، ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ قېلىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنت جۇخارگۈلى تېرىغان پارنىكتا سۈرەتكە تارتىش داكا قىلىش نۇقتىسى بەرپا قىلدۇق. كەلگۈسىدە يەنە جەنۇبنىڭ خاس مېۋىلىرىنى ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە تۈرىنى كېڭەيتىپ، جىننەن يېڭى كەنتىنى خاس تېرىقچىلىق، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان سەھرا يېزا - كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قىلىپ بەرپا قىلىمىز.