بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇل، كۆلەم
شىنجاڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا «ئۈچ ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، 2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 686 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 574 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %11.2 ئېشىپ، ئۇدا يەتتە يىل مۇقىم ھالدا 5 مىليون توننىدىن يۇقىرى بولغان.
«تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بىرلىك ھوسۇلنىڭ ئېشىشىنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىدە، بۇ يىل شىنجاڭ پاختا ھوسۇلىدا ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.» دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى يېزا ئىگىلىك تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خۇ لىن مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاختا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»نى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماشىنىدا پاختا يىغىشقا ئۇيغۇنلاشقان تېخنىكا لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، پاختا كەسپىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قاراپ مېڭىشىنى ئالغا سىلجىتتى.
شىنجاڭ كىلىمات خەۋپ - خەتىرى ساقلانغان، سۇ مەنبەسى كاپالىتى بولمىغان، مېۋىلىك دەرەخ بىلەن كېۋەز كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈلىدىغان سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تۆۋەن كېۋەزلىكلەرنى كېۋەز تېرىقچىلىقىدىن تەدرىجىي چېكىندۈرۈشكە سىجىل يېتەكچىلىك قىلىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەۋزەل كەسىپ رايونىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى ئۆزگەرتىلمىدى، كېۋەز تېرىشنىڭ كۆزلىمە پايدىسى مۇقىم بولدى، پاختىكارلارنىڭ تېرىش ئاكتىپلىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولدى، كېۋەز تېرىش كۆلىمىنى كۆپەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 36 مىليون 719 مىڭ مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 179 مىڭ مو كۆپىيىپ، %3.3 ئاشتى.
شىنجاڭ كېۋەزنىڭ 24 خىل يېتەكچى سورتى ۋە كېۋەزگە دائىر ئون چوڭ ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇرۇقلۇققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سورتنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە پىششىقلانمىغان پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئەلا سورت بىلەن سۈپەتلىك پەرۋىشنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، پاختا بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئاچقۇچلۇق يول بىلەن تەمىنلىدى. كېۋەز تېرىلغاندىن بۇيان، نۇر، تېمپېراتۇرا، سۇ يېتەرلىك بولۇپ، ئومۇمىي ھاۋارايى شارائىتى كېۋەزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغاچقا، ئۆسۈش ئەھۋالى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى، بولۇپمۇ پاختا يىغىش مەزگىلىدە ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنىڭ كۆپ بولۇشى پاختا ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولدى. 2024 - يىلى شىنجاڭدا پاختىنىڭ بىرلىك كۆلەمدىكى ھوسۇلى مو بېشىغا 154.9 كىلوگىرام بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مو بېشىغا 11 كىلوگىرام كۆپىيىپ، %7.6 ئاشتى.