يېقىندا، بىڭتۇەن داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقاردى، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بىڭتۇەن جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىشسىزلىق پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرغۇچىلار (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى خىل كىشىلەر» دېيىلىدۇ)نى تۇغۇت سۇغۇرتىسى كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بىڭتۇەن داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ماس قەدەمدە قاتنىشىدۇ، تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققىنى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغاندا ماس قەدەمدە تاپشۇرىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بويىچە بېكىتىلىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ھەرقايسى شى، شەھەر ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئورۇنلىرىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى (تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن بىردەك بولىدۇ؛ ئىشسىزلىق پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرغۇچىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقاندا تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ماس قەدەمدە قاتنىشىدۇ، تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن بىۋاسىتە چىقىم قىلىنىدۇ، شەخسلەر ھەق تاپشۇرمايدۇ.
تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتى جەھەتتە، «ئىككى خىل كىشىلەر» تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بىڭتۇەننىڭ تۇغۇت داۋالىنىش تەمىناتى ۋە تۇغۇت ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش كۈن سانى دۆلەت ۋە بىڭتۇەن بەلگىلىگەن تۇغۇت دەم ئېلىش كۈن سانى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان مەزگىلدە چوقۇم تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشىش ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى. 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاياللار تۇغۇتتىن ئىلگىرى تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئۇدا 12 ئاي ھەق تاپشۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان مەزگىلدە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشىش ھالىتىدە تۇرغانلار تۇغۇت قوشۇمچە پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ساقلاش مەزگىلىدىن كېيىن تۇغقان، ئەمما ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 12 ئايغا يەتمىگەن بولسا، ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 12 ئايغا توشقاندىن كېيىن، تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بىڭتۇەن يەنە ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنىڭ تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتىنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنىڭ تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىدۇ؛ تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئەر خادىملارنىڭ جورىسىنىڭ تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتىنى تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندى تۇرۇشلۇق شى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار تەمىنات ئۆلچىمى بويىچە چىقىم قىلسا بولىدۇ.
«بىز سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى بېجىرىش، تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلى تەمىناتىنى چىقىم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقي كاپالەتلىك قىلىپ، بىڭتۇەن نوپۇسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىمىز» دېدى بىڭتۇەن داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى تەمىنات كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى. (بىڭتۇەن گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېڭ يالى)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى