تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

3-تۈركۈمدىكى جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى تەييارلىق تىزىملىكىگە تاللانغانلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى ، شىنجاڭدىن بىر تۈر تاللاندى

12-ئاينىڭ 23-كۈنى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسى «3-تۈركۈمدىكى جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى تەييارلىق تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، سەنشى چاڭجىنىڭ داڭسەن ئۆستۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق 30 ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى 3-تۈركۈمدىكى جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى تەييارلىق تىزىملىكىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ تۇرپاننىڭ كارىز يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى تاللاندى.

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى تور بېكىتى كەسمە سۈرىتى

   تۇرپان كارىز يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى جۇڭگونىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، كارىز قېزىش ھۈنىرى 2014-يىلى 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. كارىز 10 مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ-خاڭجوۋ چوڭ قانىلى بىلەن بىللە جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشى دەپ ئاتالغان، جۇڭگو «يەر ئاستى قانىلى» دەپ ئاتالغان. 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە كارىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلمەكتە.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئىلگىرىكى باقمىچىلىق مەيدانىدىكى كارىزغا بوشلۇقتىن نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) (ماتېرىيال سۈرەت).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

    يەرشارىۋى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى(GIAHS) تەشەببۇسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى(FAO) 2002-يىلى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، يەرشارىۋى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ئالاقىدار مەنزىرە، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، بىلىم ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مىراسلارنى جانلىق قوغداش ۋە مۇۋاپىق باشقۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

    دۆلىتىمىز GIAHS خىزمىتىگە ئەڭ بۇرۇن قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ھازىر 22 تۈرلۈك GIAHS تۈرى بار بولۇپ، سان جەھەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دۆلىتىمىز قانات يايدۇرغان GIAHSنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش خىزمىتىدە ياخشى بولغان جەمئىيەت، ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىساد ئۈنۈمى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مىراس جايلاشقان جايدىكى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.