ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچتە، 2024- 2025 مۇسابىقە پەسلى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 22- ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا بېيكۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا جەڭ ئېلان قىلدى. تۆت بۆلەك مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 93كە قارشى 100 نەتىجە بىلەن بېيكۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى.
مۇسابىقە كەسمە سۈرىتى
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جاۋ رۇي زۇكام بولۇپ قالغاچقا، چى لىننىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەنگەچكە مۇسابىقىگە قاتنىشالماي، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىككى چوڭ ئاساسىي كۈچى كەمچىل بولدى. پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە شىرزات بىلەن ئىلفۇرات ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، كوماندىغا ياردەملىشىپ تېزلا 20 نومۇردىن يۇقىرى نومۇر پەرقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئالدىدا ماڭدى. گەرچە بېيكۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاخىرقى بۆلەك مۇسابىقىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتكەن بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يەنىلا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇسابىقىدە غەلىبە قىلدى.
مۇسابىقە كەسمە سۈرىتى