شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شى 188-تۇەن 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تېز مۇز تېيىلىش مەشىقى قىلماقتا (12-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر تېز مۇز تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، قارلىق دالا پۇتبولى قاتارلىق قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى تەنتەربىيە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا قار-مۇزنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قىشلىق قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. لى جېڭخۇ فوتوسى







