تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | ئۇخلىغاندا ياستۇقنى پەقەت ئارقا مېڭىگىلا قويۇش كېرەك؟

   ئۇخلىغاندا، ياستۇقنى پەقەت ئارقا مېڭىگىلا قويۇش كېرەك؟ ياستۇقنى قانداق قويغاندا توغرا بولىدۇ؟ بۈگۈن فۇدەن داشۆ قارىمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسى سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۇڭ جيەن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.

   ئۇخلىغاندا ياستۇقنى پەقەت ئارقا مېڭىگىلا قويۇشقا بولمايدۇ، ياستۇقنىڭ ئاستىنقى گىرۋىكى مۈرىگە تېگىپ تۇرۇشى، بويۇن قىسمى ئېسىلىپ قالماسلىقى كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ساغلام بويۇن ئومۇرتقىسى ئالدىغا پولتىيىپ چىققان ئەگرىلىككە ئىگە بولىدۇ، شۇڭا تۈز يېتىپ ئۇخلىغاندا بويۇن بىلەن كارىۋات ئوتتۇرىسىدا بوشلۇق بولىدۇ، شۇڭا ياستۇق بىلەن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، بويۇن قىسمىنى تىرەپ، نورمال ئەگرىلىكنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو

   ياستۇقنى پەقەت ئارقا مېڭىگىلا قويغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى بوشلۇقتا ساڭگىلاپ قالىدۇ، بۇ بويۇن مۇسكۇللىرىنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە بوشاشتۇرۇشقا پايدىسىز بولۇپ، ئەكسىچە مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىشىشى، سىرقىراپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۇسكۇللار زورۇقۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىپ، ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوينى ئاغرىيدىغان نۇرغۇن ئاغرىقلارنى تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكنىڭ تۈز ياكى تەتۈر ئەگرى بولۇپ ئۆزگەرگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئادەتتىكى خىزمەت، تۇرمۇشتا ئۇزاق ۋاقىت باشنى ئېگىشتىن باشقا، ئۇخلىغاندا ياستۇقنى بېشىنىڭ ئاستىغىلا قويۇش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ياستۇقنى ئارقا مېڭىگىلا قويۇشتا يەنە بويۇننىڭ ئېگىلىش ھالىتى سەۋەبىدىن نەپەس يولى راۋان بولماي، نەپەس تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.