ئاقتۇدا خىيالىي تۈسكە تولغان گۈزەل بىر مەنزىل بار، ئۇ بولسىمۇ مۇجى يېزىسى. بۇ يەردىكى ھەر بىر سۇڭ يەر خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ سىزغان يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايدىغان بولۇپ، گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
12-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر قىش كۈنلىرىدىكى مۇجى يېزىسىغا قەدەم قويغاندا، ئالدى بىلەن تۇتاش كەتكەن بىر-بىرى بىلەن بوي تالاشقان قارلىق تاغلارنى كۆردى. تاغلار خۇددى كۈمۈش رەڭلىك ساۋۇت كىيگەن گىگانت ئادەمگە ئوخشاش ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يىغىندى قارلار قۇياش نۇرىدا ئالماستەك نۇر چېچىپ، ھەر بىر نۇقتىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەللىك نامايان بولاتتى. بۇ قارلىق تاغلار مۇجى يېزىسىنىڭ ئەڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى ۋە بۇ تۇپراقنىڭ ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھچى بولماقتا ئىدى.
تاغ ئېتىكى بىر بىپايان تۇپراق. قىش كۈنلىرىدىكى قىروۋ ۋە قار تۇپراققا بىر قەۋەت قېلىن ئاق رەڭلىك تىۋىتلىق گىلەم سالغاندەك ئىدى، ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالغان قوڭۇر رەڭلىك تۇپراق ۋە سارغايغان ئوت-چۆپلەر خۇددى تىۋىتلىق گىلەمگە كەشتىلەنگەن نەپىس گۈل نۇسخىلىرىغا ئوخشاش بۇ جاينى زىننەتلىگەنىدى.
مەنبە: ئاقتۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(ئاقتۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئەلى ئەسقەر نۇرغازى)