12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2024-يىللىق ئۈرۈمچى يېرىم مۇساپىلىك مارافون مۇسابىقىسى شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىدە باشلاندى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۈي فوتوسى، خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2024-يىللىق ئۈرۈمچى يېرىم مۇساپىلىك مارافون مۇسابىقىسى شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىدە باشلاندى، 6000 يۈگۈرگۈچى تىيانشان ئېتىكىگە جەم بولۇپ، قار-مۇز مۇسابىقە يولىدا ئىز قالدۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدا «قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش رىتىملىق ئۈرۈمچى يېرىم مۇساپىلىك مارافون مۇسابىقىسى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، يېرىم مۇساپىلىك مارافون مۇسابىقىسى (21.0975 كىلومېتىر) ۋە خۇشال يۈگۈرۈش (تەخمىنەن بەش كىلومېتىر)دىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان. بۇ قېتىمقى يېرىم مۇساپىلىك مارافون مۇسابىقىسىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈگۈرگۈچىلەردىن باشقا يەنە گۇاڭدۇڭ، سەنشى، گەنسۇ قاتارلىق كۆپلىگەن ئۆلكىلەردىن كەلگەن مارافون ھەۋەسكارلىرىمۇ بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قىرغىزىستان، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، ياپونىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن يۈگۈرگۈچىلەر مۇسابىقىگە قاتناشتى.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، يۈگۈرگۈچىلەر قاتتىق سوغۇقتىن قورقماي مۇسابىقىنى تاماملىدى.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىر يۈگۈرگۈچى مۇسابىقىدىن كېيىن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، يۈگۈرگۈچىلەر قاتتىق سوغۇقتىن قورقماي مۇسابىقىنى تاماملىدى.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، يۈگۈرگۈچىلەر قاتتىق سوغۇقتىن قورقماي قايناق ھېسسىياتتا ئۇچقاندەك يۈگۈرمەكتە.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، يۈگۈرگۈچىلەر مۇسابىقىدە.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، يۈگۈرگۈچىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخىرقى نۇقتىغا قاراپ ئېتىلماقتا.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، پىدائىيلار مۇسابىقىنى تاماملىغان يۈگۈرگۈچىلەرگە بەخت تىلىمەكتە.