ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا ئېچىلغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ساياھىتى كەسپى تەرەققىيات يىغىنىدا، شىنجاڭ قاغىلىق ئانىرى ئېسىل سۈپىتى ۋە ئەۋزەل ئۆسۈش مۇھىتىغا تايىنىپ، شەرەپ بىلەن 2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە «ياخشى كىلىماتلىق مەھسۇلات» دېگەن نامغا ئېرىشتى. بۇ، شىنجاڭ مەكىت كۈل رەڭ چىلىنىدىن كېيىن شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك «ياخشى كىلىماتلىق مەھسۇلات» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىككىنچى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
مەملىكەت بويىچە «ياخشى كىلىماتلىق مەھسۇلات» دۆلەتنىڭ كىلىمات بەلگىسىنىڭ تارماق ماركىسى بولۇپ، كىلىمات، ئېكولوگىيە، مەھسۇلات سۈپىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلىنىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ «ياخشى كىلىماتلىق مەھسۇلات» ماركا ئېتىراپنامىسى بېرىلىدۇ.
ھاۋارايى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، ھۆل-يېغىن مىقدارى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى قاتارلىق ھاۋارايى شارائىتلىرى ئانارنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن، بولۇپمۇ چېچەكلەش مەزگىلىدىن مېۋىنىڭ پىشىش مەزگىلىگىچە بۇنىڭ ئىپادىسى ئەڭ گەۋدىلىك ئىكەن. مەسىلەن، چېچەكلەش مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا 22 سېلسىيە گىرادۇستىن 25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، نىسپىي نەملىك %50تىن %60كىچە بولسا، ئانار ئەڭ ياخشى چېچەكلەيدىكەن؛ مېۋە پىشىش مەزگىلىدە، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇستىن 15 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، سوتكىلىق ئۆزگىرىش پەرقى چوڭ بولسا، قەنت تەركىبىنىڭ توپلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەن، بۇ چاغدا ئانارنىڭ دانىسى چوڭ ھەم تەملىك بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قاغىلىق ئانىرىنىڭ يېقىنقى 10 يىللىق ھاۋارايى شارائىتىنى يىغىنچاقلىدى، كىلىمات سۈپىتىنى يۇقىرى تەلەپتە باھالاش ئارقىلىق، قاغىلىق ئانىرىنىڭ كىلىمات سۈپىتىنى ئېتىراپ قىلىشتىكى ئىپادىسى ئەلا بولۇپ، كۆپ قېتىم «خاس، ئەلا» دەرىجە بولۇپ باھالىنىپ، دۆلەتنىڭ «ياخشى كىلىماتلىق مەھسۇلات» دەپ نام بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2020-يىلى قاغىلىق ئانىرى كىلىمات سۈپىتى ئېتراپى مۇلازىمىتىنى باشلىغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قاغىلىق ئانىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە «ياخشى كىلىماتلىق مەھسۇلات» بولۇپ باھالىنىشىنى ئىلتىماس قىلىش، ئېتىراپ قىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى كەسپىي تېخنىكا كوللېكتىپى تەشكىللەپ، قاغىلىق ئانىرىنىڭ كىلىمات سۈپىتىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى، باھالاش مودېلىنى بەرپا قىلىپ، باھالاش تېخنىكا ئۆلچىمى، كىلىمات سۈپىتىنى باھالاش دوكلاتىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاخىرىدا ئىلتىماس قىلىش، باھالاش دىسسېرتاتسىيەسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇلازىمەت ۋە كېڭەيتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى جەنچاۋ مۇنداق دېدى: «ياخشى كىلىماتلىق مەھسۇلات» ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشىش ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ خاسلاشقان، ماركىلاشقان تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى رايون كىلىمات بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئانار ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش، توشۇش، ساقلاش قاتارلىق ھالقىلاردىكى مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئانار ئۆستۈرۈش تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرىنىڭ ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى 10 مىڭ موغا، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 8000 توننىغا يېتىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.