□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا
ئىككى يىل ئىلگىرى، فېردون ئەخمەتجان يېڭى خىزمەتدىشى ۋاڭ چۇڭلۇڭ بىلەن ياتاقداش بولۇپ قالدى، ئوخشاش كەسىپنى پۈتكۈزگەن، ئوخشاشلا ياقا يۇرتتىن كەلگەن، ئوخشاشلا خىزمەتكە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ ئىككى يىگىت بىر ـ بىرىگە ياردەم بېرىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئەڭ ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدى.
2022 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، داشۆنى پۈتكۈزگەن ۋاڭ چۇڭلۇڭ يۇرتى گەنسۇدىن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ خىزمەتكە قاتناشتى. تەقسىم قىلىنغان ياتىقىغا كىرىپ، ئۇ خوتەندە كەنتتە تۇرۇۋاتقان، دەم ئېلىپ قايتىپ كەلگەن فېردوننى كۆردى.
فېردون ئوچۇق ـ يورۇق، قىزغىن بولۇپ، ئۆيى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ئىدى، ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش يۇرتىدىن ئايرىلغان بۇ يېڭى خىزمەتدىشىغا ناھايىتى غەمخورلۇق قىلدى. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىدارىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى تونۇشتۇردى، يېڭى خىزمەتدىشىنى باشلاپ بېرىپ شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى يېگۈزدى، بۇنىڭدىن ياقا يۇرتتا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ۋاڭ چۇڭلۇڭ ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى.
دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فېردون كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسىغا قايتىپ كەلدى، ۋاڭ چۇڭلۇڭمۇ ئۆزىنىڭ يېڭى خىزمىتىنى باشلىدى. «بۇ يەرگە كۈنەلىدىڭىزمۇ؟ بىرەر قىيىنچىلىقىڭىز بارمۇ ـ يوق، بىلمىگەنلىرىڭىزنى چوقۇم خىزمەتداشلاردىن كۆپرەك سوراڭ.» فېردون كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دائىم ۋاڭ چۇڭلۇڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، دەم ئېلىپ قايتىپ كەلگەندە ئىككىيلەن بىللە تاماق يەپ پاراڭلاشتى.
كۆزنى يۇمۇپ ـ ئاچقۇچە بۇ يىل 1 ـ ئايدا، فېردون كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىدارىسىگە قايتىپ كەلدى.
ئىككى يىللىق چېنىقىش ئارقىلىق، ۋاڭ چۇڭلۇڭ يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن ياش يىگىتتىن لاياقەتلىك تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلاندى. فېردون ئىدارىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاڭ چۇڭلۇڭ بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلىدى، ئىككىسى داشۆدە كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇلار ئىدارىنىڭ تور بىخەتەرلىكى مۇداپىئە تېمى، تور ئۈسكۈنىلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالدى.
ئادەتتە ئۇلار ئىدارىنى تور تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت، تەربىيەلىنىشكە كەلگەنلەرنىڭ كۈندىلىك دەرس ئىنتىزامى، ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئۈستىگە ئالدى. تارتىنچاق، كەم سۆز ۋاڭ چۇڭلۇڭ نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا سەل قورۇناتتى. «ئوچۇق ـ يورۇق مىجەزلىك» فېردون قېرىندىشىنىڭ خاراكتېرىنى بىلگەچكە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ بىر قىسىم باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ۋاڭ چۇڭلۇڭغا قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى. ئەستايىدىل ۋاڭ چۇڭلۇڭ فېردوننىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە ئۈن ـ تىنسىز ياردەم بەردى.
بىرلىكتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى، بىرلىكتە تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتتى، بىرلىكتە يادرولۇق كومپيۇتېرخانىغا بېرىپ چارلاپ تەكشۈردى ـ كاشىلىلارنى ئىزدەپ تاپتى... سانسىزلىغان تىرىشىپ خىزمەت قىلغان كۈنلەردە، ئىككىيلەن سىرداش ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدى.
بىر شەھەرنى تاللىغانلىق بىر خىل تۇرمۇشنى تاللىغانلىق. ۋاڭ چۇڭلۇڭ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى گەنسۇدا ناھايىتى ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدى، ئۆيدىكى يالغۇز پەرزەنت بولسىمۇ شىنجاڭغا كېلىشنى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇغقىنىم شىنجاڭدا خىزمەت قىلىدۇ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بۇ جايغا بىرنەچچە قېتىم كەلگەن، بۇ جاينى بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇنداقلا شىنجاڭدا تەرەققىي قىلسام ئىستىقبالىمنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كەلگەندىن كېيىن چېنىقىش پۇرسىتى كۆپ بولدى، خىزمەتداشلىرىم ناھايىتى دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ، مەن يەنە ياخشى دوست تۇتتۇم».
ۋاڭ چۇڭلۇڭنىڭ ئاپىسى ئىلگىرى ئۇنى يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلىشقا كۆپ قېتىم دەۋەت قىلغانىدى، 2023 ـ يىلىمۇ شىنجاڭغا كېلىپ ئوغلىنى يوقلىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان خىزمىتى بارلىقىنى، يەنە دوست تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆيگە قايتىشقا دەۋەت قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچتى. ۋاڭ چۇڭلۇڭنىڭ ئاپىسى مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە ئوغلۇمنىڭ يېنىمىزدا تەرەققىي قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق، لېكىن بالامنىڭ ئۆز قارىشى بار ئىكەن، ھازىر خىزمىتى مۇقىم، ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈۋېتىپتۇ، بىزمۇ خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ياخشى خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
خىزمىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، فېردون بىلەن ۋاڭ چۇڭلۇڭ ئىدارىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىش ئويىغا كەلدى. بوش ۋاقىتلىرىدا، بۇ ئىككى قېرىنداش دائىم ئەتراپتىكى ئۆي ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشەتتى.
«كەچتە كاۋاپ يەپ كېلەمدۇق؟ مەن كاۋىپى ناھايىتى يېيىشلىك بىر ئاشخانىنى بىلىمەن...» «بولىدۇ، مەن كاۋاپ يېمىگىلى نەچچە كۈن بولدى...» 12 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى كەچتە، خىزمەت ۋاقتىدا بىر ـ بىرىگە ياردەم بېرىدىغان بۇ قېرىنداشلار ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن يەنە مەززىلىك تائاملارنى ئىزدەشكە پۈتۈشتى.
ياقا يۇرتتا سىرداش دوستلارنى ئۇچرىتىپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش بەلكىم دوستلارنىڭ بىللە ئۆتۈشىدىكى ئەڭ ياخشى ھالەت بولۇشى مۇمكىن!