□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، قېلىن قار ياغدى. ۋاڭ شيەن بىلەن خىزمەتدىشى لى جەنشىن قولىدىكى ئالدىراش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، دەرھال جۇماش ئوسپان بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەنگە ياردەملىشىپ ھويلىسىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاپ بەردى.
ۋاڭ شيەن 29 ياش، لى جەنشىن 27 ياش، ئىككىلىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئارشاڭ چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى چاغانتوڭگى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى. 81 ياشلىق جۇماش ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسى مۇتىت خۇتخۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى ۋە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، تۇرمۇشتا خوتۇنى تۇرسۇنگۈل خېسەرخاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا تايىناتتى.
جۇماش مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ، ۋاڭ شيەن دائىم ئۆيىمىزگە كېلىپ ياردەم بېرىپ كەلدى، «مېنىڭ مېڭىشىم قولايسىز، ئۆيدە بىرە ئىش بولسىلا ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا ۋاڭ شيەن يادىمغا كېلىدۇ. بۇ يىللاردا بىز ئۇنىڭ ياردىمىگە كۆنۈپ قالدۇق، نەچچە كۈن كۆرمىسەك، كۆرگىمىز كېلىپ تېلېفون قىلىپ ئالاقىلىشىمىز».
جۇماش ئائىلىسىنىڭ 35 مو يېرى سىرتقا ھۆددىگە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى مو كېلىدىغان ھويلىسىغا ئىشلىشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئەتىيازدا ۋاڭ شيەن كۆكتات تېرىشىپ بەردى. يازدا ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ، خاڭگا، دوۋجياۋلارغا جازا ياسىدى. كۈزدە ۋاڭ شيەن خىزمەتداشلىرى بىلەن ياشانغان ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ قوناقلىرىنى ياردەملىشىپ يىغىشىپ بەردى. قىشتا ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆمۈر ۋە قوي - كالىلىرىغا يەم - خەشەكنى ئالدىن تەييارلاپ بەردى.
2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تۇرسۇنگۈل ئۆيىدىكى ئىنەكنىڭ ھالسىز، ئىككى كۈن ھېچنېمە يېمەي - ئىچمەي يۈرگەنلىكىنى بايقاپ، ۋاڭ شيەندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ۋاڭ شيەن مال دوختۇرىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، بېقىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئاسما ئوكۇل سېلىپ داۋالىغاندىن كېيىن، ئىنەك ساقىيىپ، جۇماشنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
يەنە بىر قېتىمدا تۇرسۇنگۈل ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتى يارىلاندى. ۋاڭ شيەن ۋە مەھەللە كادىرلىرى توپتوغرا بىر ئاي نۆۋەتلىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تاكى ئۇ كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭالىغۇدەك بولغۇچە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. «ئۇلار مېنى كەنت داۋالاش ئۆيىگە دورا ئالماشتۇرغىلى ئاپاردى، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئاپتاپسىندۇردى، مەن بىلەن مۇڭداشتى، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆيگە كېلىپ ئۆيلىرىمنى تازىلاپ، تاماق ئېتىپ بەردى، يەنە دائىم ماڭا تۈرلۈك كۈتۈنۈش ساۋاتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇلار يېنىمىزدا بولسىلا، بىز ناھايىتى خاتىرجەم بولىمىز.» تۇرسۇنگۈل مۇنداق دېدى: ھەر يىلى قىشتا، ۋاڭ شيەن يەنە ئېرىم ئىككىمىزگە پاختىلىق يوتقاندىن ئىككىنى ئاتقۇزۇپ بېرىدۇ، يېڭى تىزلىق ۋە پەلەي ئېلىپ بېرىدۇ.
ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننى خۇشال قىلغىنى ۋاڭ شيەن ئۇلارنىڭ ئوغلىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ھاراقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاشلىشىغا ياردەم بەردى. «مەن ئىلگىرى ئويۇنغا تويمايتتىم، قارتا ئويناش، ھاراق ئىچىشكە ئامراق ئىدىم، ئىنىم ۋاڭ شيەن سەۋرچانلىق بىلەن ماڭا نەسىھەت قىلىپ، ماڭا تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىدىن تېخنىكا ئۆگىنىشنى ئېيتتى، يەنە ماڭا تېمىتىپ سۇغىرىش نەيچىسى زاۋۇتىدىن خىزمەت تېپىپ بەردى، ھەر ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلىمەن.» جۇماشنىڭ ئوغلى دۈسەنبېك جۇماش مۇنداق دېدى: ھازىر مەن ناچار ئادىتىمنى تاشلاپلا قالماي، يەنە ئىمتىھان بېرىپ ھەيدەش كىنىشكىسى ئالدىم.
بۇلتۇر، ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان لى جەنشىن ۋاڭ شيەنگە ئەگىشىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەنگە يار - يۆلەك بولۇش سېپىگە قوشۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىككىيلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىپ، كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇپ، قوي - كالا قوتانلىرىنى تازىلاپ، ئاپتاپپەرەسلىرىنى يىغىشىپ بەردى، بۇ بوۋاي - مومايلار ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئۇلار ھەمىشە چاقىرغان ھامان يېتىپ كەلدى.
بۇ يىل ئەتىيازدا، جۇماش يەنە بىرنەچچە قوي سېتىۋالماقچى بولدى، لېكىن پۇلىنى قەرەللىك ئامانەت قويۇۋەتكەچكە، ۋاقتىنچە نەق پۇل ئالالمىدى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ۋاڭ شيەن بىلەن لى جەنشىن ھەربىرى 5000 يۈەندىن نەق پۇل چىقىرىپ، بوۋايغا قوي ئېلىپ بەردى.
لى جەنشىن مۇنداق دېدى: مەن ھەر قېتىم دەم ئېلىش نۆۋىتى كەلگەندە، ۋاڭ شيەن بىلەن بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئەر - خوتۇن ئىككىسىگە كۆكتات، قوي گۆشى ئېلىپ بېرىپ، ئۆيىدىكى توڭلاتقۇنى لىق توشقۇزۇۋېتىمىز. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەنمۇ مىننەتدار بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق بىزگە جاۋاب قايتۇرىدۇ: ئەمدىلا سېلىنغان ساڭزا، ئىسسىق پولۇ، قولدا توقۇلغان قوي يۇڭى شارپىسى... بۇلار ئارىمىزدىكى ئىللىق مېھىر - مۇھەببەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالدى.
«بۇ ئىككى بالا ئۆز ئوغلىمىزغا ئوخشاش بىزنىڭ چوڭ مەسىلىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇلار بولسىلا، كۆڭلىمىز ناھايىتى خاتىرجەم» دېدى جۇماش ھاياجانلانغان ھالدا.