ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى ياپچانلىق كەنتىدە، سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، نەچچە ئاي كۆڭۈل قويۇپ بېقىلغاندىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدە سوغۇق سۇ بېلىقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھوسۇل ئېلىندى.
12-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىر ياپچانلىق كەنتىدىكى سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىغا كەلدى، ئۆلچەملىك، رەتلىك بېلىق كۆلچەكلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىدىكى ئېگىز تاغلاردىن ئېرىگەن سۇلار كۆلچەككە شىرىلداپ ئېقىپ كىرىۋاتاتتى، قۇياش نۇرى سۇ يۈزىدە جىمىرلاپ تۇراتتى، كۆلچەكتىكى جۇڭگو ئوسېتر بېلىقى، سالمون بېلىقىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى، تۇرۇپ-تۇرۇپ سەكرىشىپ، مەرۋايىتتەك سۇلارنى چاچرىتاتتى.
ياپچانلىق كەنتى كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىگە، قاراقاش دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، بېلىق بېقىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۈزۈك تاغ بۇلاق سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يىل بويى ℃6 ـ ℃2 بولۇپ، سۇ سۈپىتى ساپ، تېمپېراتۇرىسى مۇقىم، مۇھىت ۋە ئېرىشچان ئوكسىگېن سوغۇق سۇ بېلىقى بېقىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ يىل 4-ئايدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ پائال ماسلاشتۇرۇشى ۋە پىلانلىشى بىلەن، باقمىچىلىق بازىسى ئوڭۇشلۇق قۇرۇلدى ھەمدە 100 كىلوگرام ئوستېر بېلىقى، سالمون بېلىقى بېلىجانلىرى قويۇپ بېرىلدى، باقمىچىلىق جەريانىدا تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىپ، سۇ سۈپىتىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش، يەم-خەشەك بېرىشتىن تارتىپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكىچە بولغان ھالقىلار ئىنچىكە باشقۇرۇلدى. نەچچە ئاي تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ سوغۇق سۇ بېلىقىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى.
سۈزۈۋېلىنغان ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بېلىقلارغا قاراپ، خوتەن ناھىيەسى لاڭرۇ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجىسى ۋاڭ شەنمىننىڭ چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى. «سوغۇق سۇ بېلىقىمىزنىڭ گۆشى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك بولۇپ، بازاردا ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سېتىلدى. ھازىر بېقىلىۋاتقان بېلىق 200دىن ئاشىدۇ، دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش مۆلچەرلەنمەكتە.»
ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلىدىن بۇيان، خوتەن ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە سوغۇق سۇ بايلىقىغا تايىنىپ، قاشتېشى يېزىسىنىڭ قىزىليەر كەنتى، لاڭرۇ يېزىسىنىڭ ياپچانلىق كەنتى قاتارلىق جايلاردا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، نۆۋەتتە دەسلەپكى قەدەمدە كەسىپ كۆلىمىگە ئىگە بولۇپ، بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىققان. «بىز يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى يول ئېچىپ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچلۈك كۈچ قوشىمىز»، دېدى خوتەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بۇخەلىچىخان مەمەتتۇرسۇن. (خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى لو يىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ جىڭجىڭ)
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى