تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

سىچۇەنلىك قىز ئىرادىسىدىن قايتماي «پارنىكتا مېۋە ئۆستۈرۈش» كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرى ئارۋىن دېرۋىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى چىڭخۇانىڭ پارنىكىدا، ئالتۇن رەڭلىك شىزىلارنى شاخلىرى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، خولۇڭگولار خۇددى كۆيۈۋاتقان قىپقىزىل كىچىك ئوت شاردەك ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. «شىزىنىڭ 3 - پىشىقىنى ئۈزۈپ بولدۇق، خولۇڭگونىڭمۇ 5 - پىشىقىنى ئۈزۈپ بولدۇق، ئۈزۈش 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.» شىزى ئۈزۈۋاتقان لى چىڭخۇا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىزى بىلەن خولۇڭگودىن 70 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىدىم.

1991 - يىلى، لى چىڭخۇا ئېرى بىلەن سىچۇەن نەنچۇڭدىن شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەنىدى. ئۇلار پاختا تېرىش، باشقىلارغا ياردەملىشىپ كۆكتات تېرىش، خۇمداندا خىش توشۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر كۈنى 70 - 80 يۈەن كىرىم قىلدى. 2009 - يىلى ئازراق پۇل غەملىگەن لى چىڭخۇا يەر ھۆددىگە ئېلىپ، پارنىك ياساپ كۆكتات تېرىماقچى بولدى. بىراق ئېرى بۇنىڭغا قوشۇلماي، پارنىك ياساشنىڭ ئاۋارىچىلىكى كۆپ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئىشلەمچىلىك قىلىپ ھەر كۈنى مۇقىم كىرىم قىلغان تۈزۈك، دەپ قارىدى.

يالغۇز ئىشلەمچىلىككە تايىنىپ پۇل تېپىش ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ئەمەس. لى چىڭخۇا بۇنىڭغا تەن بەرمەي، 80 مىڭ يۈەن پۇل غەملەپ، ئېرى كوتۇلداپ تۇرسىمۇ 1.2 مو كېلىدىغان پارنىك ياساپ، كاۋا، لازا، خاڭگا قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدى.

ئەتراپتىكى پارنىكلاردا كۆكتات تېرىيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، «خاڭگا، لازىنىڭ بىر كىلوگىرامى نەچچە مو، باھادا تىجارەتچىلەرنىڭ دېگىنى ھېساب، بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ، - دە» دېدى لى چىڭخۇا. توساتتىنلا تېلېۋىزوردىن «جەنۇبنىڭ مېۋىلىرىنى شىمالدا ئۆستۈرۈش» توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قېلىپ، پارنىكتا خولۇڭگو، شىزى، بۆلجۈرگەن قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئىقتىسادىي زىرائەتنى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈشكە باشلىدى، ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەي بولغىنى پەقەت شىزى بىلەن خولۇڭگولا بولدى.

لى چىڭخۇا بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، 2015 - يىلى يەنە 2.8 مو يەرگە پارنىك ياسىدى، بىر پارنىكتا شىزى، يەنە بىر پارنىكتا خولۇڭگو ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەشكەن تېرىقچىلىق يولىدا مېڭىشقا باشلىدى.

«يېڭى تىكىلگەن شىزى دەرىخى ئۈچ يىلدىن كېيىن مېۋىگە كىرىدۇ، خولۇڭگونىڭ مېۋىگە كىرىشىگە 14 ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. قىش پەسلىدە پارنىك تېرىقچىلىقىغا كۆپ زىھنىي كۈچ كېتىدۇ، قار يېغىشتىن قورقىمىز، ئۇدا ھاۋا تۇتۇق بولۇشتىن قورقىمىز، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن قورقىمىز، ھەرقانداق بىرى تېرىقچىلىقنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. پارنىكتا سۇ تامچىلاشتىكى سەۋەب، پارنىك ئىچى - سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەڭپۇڭ بولمىغانلىقتىن، سوغۇق سۇ تامچىسى شاخلارغا تامچىلاۋېرىپ، شاخنى چىرىتىۋېتىدۇ...» ئۈچ يىلدا، لى چىڭخۇا پارنىكتا يېتىپ - قوپۇپ، تور ئارقىلىق شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىدىن مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئىككى پارنىك ئارىسىدا كېچە - كۈندۈز قاتراپ يۈردى. ئۇ بۇ جەرياندا چېنىقىپ مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندى.

ئۈچ يىل كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، لى چىڭخۇا 2016 - يىلى قىش پەسلىدە ئۆستۈرۈلگەن خولۇڭگولارنى ئۈزۈشكە باشلىدى؛ 2017 - يىلى شىزى دەرىخى مېۋە بەردى. مەھسۇلات بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، لى چىڭخۇا يەنە ئۆستۈرگەن شىزى ۋە خولۇڭگولىرىغا تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، نەپىس ئوراش - قاچىلاش ساندۇقى ياسىتىپ، ۋىيشىن، دوۋيىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇردى.

2019 - يىلىدىن بۇيان، جاپاغا كۆنگەن لى چىڭخۇا يەنە ماڭگو، گۈييەن، جۈزى ئۆستۈرۈشنى سىناق قىلدى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۇ كېلەر يىلى يەنە يېڭى پارنىك ياساپ، تېخنىكا پىشىپ يېتىلگەندە، تېخنىكىنى ئەتراپتىكى دېھقانلارغا ئۆگىتىپ، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.

جاپاغا چىدايدىغان، ئۆگىنىشكە ماھىر لى چىڭخۇا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى» «پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى. ئۇ ھەر يىلى يەنە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىگە مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.