تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئېلان قىلىندى

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىكەن، ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي دەرس باشلايدىكەن، يەسلىلەر دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋە ئوقۇش باشلاش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2025-2024 ئوقۇش يىلىنىڭ 1-مەۋسۇمىدە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى ۋاقتى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۈك ئىمتىھان ۋاقتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە بولىدىكەن (بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر دەرىجىلىك تەكشۈرۈش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولىدىكەن، ئومۇمەن شەھەر دەرىجىلىك تەكشۈرۈش تۈرىگە قاتناشقان مەكتەپلەر ئايرىم ئىمتىھان تەشكىللىمەيدىكەن، كونكرېت ۋاقتى ۋە تەكشۈرۈش تۈرى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدىكەن).

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئىمتىھان ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئىمتىھاندا ئاساسلىقى ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتۇش ئەھۋالىغا دىياگنوز قويۇش، ئوقۇتۇشنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2 - يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن يازما ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ باشقا يىللىقلىرىدا مەكتەپ مەۋسۇملۈك ئىمتىھان تەشكىللەيدۇ، رايون خاراكتېرلىك ياكى مەكتەپلەر ئارا ئىمتىھان تەشكىللەشكە بولمايدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۈك ئىمتىھانى بىلەن ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى كېرەك، دەرسلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىمتىھان سوئالىدا ساپا مائارىپى يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك، غەلىتە سوئال چىقارماسلىق، دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمى ۋە ئوقۇتۇش سۈرئىتىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك.

مەۋسۇملۈك ئىمتىھاندىن بۇرۇن، ھەرقايسى مەكتەپلەر پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسى، پىسخىكا لېكسىيەسى ۋە كوللېكتىپ كونسۇلتاتسىيە پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق ھالدا پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىمتىھان نەتىجىسىنى رەتكە تۇرغۇزماسلىقى، ئېلان قىلماسلىقى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارغا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئۇقتۇرۇشى، ئىمتىھان نەتىجىسىنى تۈرلۈك ئاتا - ئانىلار توپىدا تارقاتماسلىقى لازىم. ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۇنىۋېرسال باھالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق، ئوقۇش، جىسمانىي ۋە روھىي، ئېستېتىك ساپا، ئەمگەك ۋە جەمئىيەت ئەمەلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال باھالىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پەقەت نەتىجىگىلا قاراپ ئوقۇغۇچىلارنى باھالايدىغان بىرلا خىل ئۇسۇلنى قەتىي چۆرۈپ تاشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بەش تەربىيەنى تەڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش»ىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ مېڭتىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.