تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى! ETCنى ۋېيشىنغا باغلىغاندا، بېجىرىش تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ!

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ETCنى ۋېيشىنغا باغلىغىلى بولىدىغان بولدى، شىنجاڭ قاتناش سېلىنما (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تېڭشۈن سېلىنما شىركىتى، ئەنخۇي يىلۇ ۋېيشىڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تىيانشان سەپىرى ETC + ۋېيشىن مەھسۇلاتىنى تورغا چىقاردى. 

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ETC + ۋېيشىن مەھسۇلاتى توققۇز كىشىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش ھەققى، مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدىكەن، ئالدىن رەنە پۇلى ساقلاش ھاجەتسىزكەن، ETCنى ۋېيشىنغا باغلىغاندا يول يۈرۈش ھەققىنى ئاپتوماتىك تۇتۇپ قالىدىكەن، ئارتۇقچە بانكا كارتىسى ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز ئىكەن.

    ئاپتوموبىل ئىگىلىرى «شىنجاڭ e راۋان سەپىرى Pro» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق توردا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، كىملىكىنى، ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالى ETC مۇلازىمەت كۆزنىكى ھەم شىنجاڭ قاتناش سېلىنما گۇرۇھىغا قاراشلىق ھەق ئېلىش پونكىتلىرىغا بېرىپ، شىنجاڭ قاتناش سېلىنما ETC+ ۋېيشىن مەھسۇلاتىنى بېجىرسە بولىدۇ، نەق مەيداندا ئورنىتىپ قوزغىتىپ بېرىدۇ، ئورناتقان ھامان ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۆتۈش سۈرئىتى قوش ياپراقلىق ئۈسكۈنىدىن %15 يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يەنە يان تېلېفون ئەپىنى ETC ھېساباتىغا باغلاش ئارقىلىق، يول يۈرۈش خاتىرىسى، ئىستېمال تەپسىلاتىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ، يول يۈرۈش ھەققىنى ئاسانلا باشقۇرالايدۇ.

 (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى چۈەنجى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.