11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەندىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش رايونىدا، كەڭلىكى 50 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر كېلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بوش قالغان رايونغا كۆچەت تىكىلىشىگە ئەگىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى تۇتاشتۇرۇلدى. سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تارتىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان قۇملۇق ئايلانما يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى ئىكەن.
نازارەتچى: چاۋ جىن
لايىھەلىگۈچى: مياۋ رۇڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






