ئورمانلىقتا سەيلە قىلغاندا، كۈمۈش لىباس كىيگەن، ھەر بىر تۈپ دەرەخ مەرۋايىتتەك قىروۋ بىلەن قاپلانغانىدى. شاخلار ئارىسىدا مۇز كىرىستاللىرى چاقناپ تۇراتتى، خۇددى تەبىئەتنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئويۇپ ياسىغان سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشاش كىشىنى ئىختىيارسىز قەدىمىنى توختىتىپ، جىمجىتلىق ۋە گۈزەللىككە مەپتۇن قىلاتتى.
ھەممە يەر ئاپئاق تۈسكە، جىمجىتلىققا تولغان بولۇپ، تۇمان سۆڭگىسىنىڭ شىخوغا قوشقان رەڭگى ئىدى. بۇ يەردە شاۋقۇن-سۈرەن، قاينام-تاشقىنلىق يوق، پەقەت ئەڭ ساپ ئاق رەڭ بار بولۇپ، جىمجىت ھالدا قىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ھەربىر قار ئۇچقۇنلىرى، ھەر بىر تال مۇز كىرىستالى تەبىئەتنىڭ بۇ دۇنياغا قىلغان ئەڭ ئىللىق سوۋغىسى ئىدى.
بۇ يەردە ۋاقىت خۇددى توختاپ قالغاندەك، قەلبىڭىز جىمجىت دەملەرگە چۆمىدۇ، پەقەت گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان چەكسىز ئىنتىلىش ۋە قوغلىشىشلا قالىدۇ.
تېز كېلىپ بۇ قىشتىكى ئاجايىپ جەلپكار تەبىئەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۇمان سۆڭگىسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىچە جەلپكارلىقنى قانغۇچە ھېس قىلىپ، تۇمان سۆڭگىسىنىڭ ساپلىقى ۋە گۈزەللىكىنى قەلبىڭىزدىكى مەڭگۈلۈك ئەسلىمىگە ئايلاندۇرۇڭ.
(شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى شۈ ئالى، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ چۈنلەن)