تىيانشان تورى خەۋىرى تەكلىماكاننى ئايلىنىش تۆمۈريولىنىڭ غەربىي لىنىيەسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر ئالاھىدە نۆۋەتچى پويىز بار، بۇ دەل 7558-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز. بۇ ئاستا پويىز خۇددى ئېقىۋاتقان قان تومۇرغا ئوخشاش، چۆل-باياۋانلاردىن ھالقىپ، ئېگىزلىك، تاغ-دەريالارنى كېسىپ ئۆتۈپ، خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنى زىچ تۇتاشتۇرىدۇ.
1960 كىلومېتىرلىق سەپەر، 32 سائەت 49 مىنۇتلۇق ئاستا يۈرۈش، بېلەت باھاسى تۆت يۈەنلىك ئەڭ تۆۋەن باھا − بۇ، شىنجاڭدىكى يۈرۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يەرلىك ئاھالىلەر تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
2012-يىلىدىكى قەشقەر ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى ۋوگزالىغىچە، 2016-يىلىدىكى خوتەن ۋوگزالىغىچە ئۇزارتىلىشقىچە، بۇ نۆۋەتچى پويىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى.
ئەتىگەندىن كەچكىچە، لىنىيە بويىدىكى گۇما، قاغىلىق، قەشقەر، ئاتۇش، مارالبېشى قاتارلىق 11 ۋوگزالدا كەنت ئاھالىلىرى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پويىزغا ئېلىپ چىقىپ بازارغا ئۈلگۈرىدۇ.
پويىز بازاردا 2020-يىلى 7-ئايدا تىجارەت باشلانغان بولۇپ، پويىزدا ھەر ئايدا ئىككى قېتىم بازار بولىدۇ، لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەر يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پويىزغا ئېلىپ چىقىپ ساتسا بولىدۇ، شۇ جايدىكى پۇقرالارمۇ بۇ نۆۋەتچى پويىزنى يېقىملىق قىلىپ «ئالتۇن پويىز» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئاستا نۆۋەتچى پويىزدا نېمىلەرنى سېتىۋالالايسىز؟
دەسلەپكى ياڭاق، چىلان، بادامدىن ئىبارەت «كونا ئۈچ تۈر»دىن خوتەننىڭ قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، قاراقاشنىڭ چىلىنى، گۇمىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، يەكەننىڭ گىلاسلىرى، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈر مۇرابباسى قاتارلىقلارغا كېڭەيدى، يېقىنقى يىللاردا يەنە قېتىق، سامسا، ھەسەل قاتارلىق بازىرى ئىتتىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار كۆپىيىپ، ھەممە نەرسە بار بولدى.
دەسلەپتىكى سۇس ھالەتتىن ھازىرقى قايناق سېتىش ھالىتىگىچە، پويىز بازاردا كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، تاۋارلارمۇ بارغانسېرى موللاشتى.
بازارغا بارىدىغان دېھقانلار لىنىيە بويى بىردەم چۈشۈپ، بىردەم چىقىپ تۇرىدۇ، ئاستا پويىزمۇ بىردەم توختاپ، بىردەم مېڭىپ تۇرىدۇ، بۇ، لىنىيە بويىدىكى تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ پويىزغا ئېلىپ چىقىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋىيشىن ھېساباتىدىكى قالدۇق سوممىسى ۋە ھەميېنىدىكى نەق پۇلىنىمۇ بارغانسېرى كۆپەيتتى.
پويىز بازاردا سېتىشتىن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشقىچە، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاستا پويىزدىكى بازار 2020-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، تور ۋە تور سىرتىدا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنلىكتىن ئارتۇق سېتىلغان.
ئىلگىرى پويىز دېرىزىسىنىڭ سىرتى قۇملۇق، چۆللۈك بولۇپ، قۇم-شېغىللار ئۇچۇپ يۈرەتتى، بۇ بىرنەچچە يىلدا لىنىيە بويىدا يېشىل ئۆسۈملۈكلەر تەدرىجىي كۆپەيدى، يەنە نۇرغۇن سانائەت باغچە رايونى، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يېڭىدىن قۇرۇلدى.
پويىز بازار ئۆتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەر توپىنى تۇتاشتۇردى، شۇنداقلا تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئاممىنىڭ گۈزەل ئۈمىدىنىمۇ تۇتاشتۇردى.
يەنە نېمىنى ساقلاۋاتىسىز، مۇشۇنداق مول، قىزىقارلىق بازارنى تېز كېلىپ ھېس قىلىپ بېقىڭ.
(ماتېرىيال مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، ئانار بۇلۇت)