ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئېھتىمال بەزىلەر يۈزىنى يۇيغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ھاۋا سوۋۇپ كەتكەندە ھەقىقەتەن يۈزىمىزنى ئاز يۇيساق ياكى يۇيمىساقمۇ بولامدۇ؟
ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى نېمە ئۈچۈن يۈزىمىزنى يۇيغۇمىز كەلمەيدۇ؟
ھاۋا سوۋۇپ كەتسە، ئادەم ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، يەنى ئاسانلا ھورۇنلىشىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، سوغۇق ھاۋا رايىدا، كىشىلەر يۈزىنى يۇيۇشنى خالىمايدۇ، يەنە بىر سەۋەبى، بولۇپمۇ سوغۇق داس، لۆڭگە ۋە يۈز يۇيۇش سۈيى بىلەن ئۇچراشقاندا، يۈز يۇيغاندا تېرە بىئارام بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا بەزىلەر قىش پەسلىدە تېرە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ماي بىرقەدەر ئاز، تەرلەشمۇ كۆپ ئەمەس، شۇڭا دائىم يۈز يۇيۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ بۇنداق بولۇشى ناتايىن، تېرە بىز كۆرگىنىمىزدەك ئۇنچە پاكىز ئەمەس، سىرتقى يۈزىدە نۇرغۇن كىر بار.
بىر قىسمى فىزىئولوگىيەلىك كىر بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىن ھاسىل بولغان، ئاجرىتىپ چىقارغان ياكى چىقارغان ماددا ئالمىشىشنىڭ مەھسۇلى، تېرە يېغى ۋە تەردىن باشقا، يەنە كونىراپ چۈشۈپ كەتكەن ھۈجەيرە، شىللىق پەردىلەرنىڭ چىقىرىندىلىرىمۇ بار.
يەنە بىر قىسمى پاتولوگىيەلىك كىر، مەسىلەن، بەزى تېرە كېسەللىكلىرى (تېرە ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، دانىخورەك قاتارلىقلار) كەلتۈرۈپ چىقارغان تەڭگىچىلەر، يىرىڭ، قاقاچ قاتارلىقلار.
ئاخىرىدا، سەل قاراشقا بولمايدىغانلىرىدىن يەنە مىكرو ئورگانىزم، مۇھىت بۇلغىمىسى، ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرى ۋە سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل تاشقى مەنبەلىك كىر بار.
بۇ كىر تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تېرە ۋە شىللىق پەردىلەرنىڭ نورمال فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
جۇڭگو دوختۇرلار جەمئىيىتى تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى شۆبە جەمئىيىتى تېرە گۈزەللەشتۈرۈش ئىشلىرى تەرەققىيات خىزمەت كومىتېتى تۈزگەن «جۇڭگو تېرە تازىلاش كۆرسەتمىسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: دانچىسىمان ماددىلارنىڭ تېرە يۈزىگە يىغىلىپ قالغان چاڭ-توزانلىرى، مېتال ياكى مېتاللوئىد ئوكسىدلارنى پاكىز سۇ بىلەن يۈزنى يۇيغاندا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. لېكىن تېرىدىكى ماي، يىرىڭ ياكى كىر ئىچىدىكى بەزى مولېكۇلالار ئېلېكتىروستاتىك تارتىش كۈچى ياكى مولېكۇلالار ئارىسىدىكى خىمىيەلىك بىرىكىش كۈچى ئارقىلىق تېرە بىلەن زىچ بىرىكىدۇ، يۈز تازىلاش مەھسۇلاتى ئىشلەتكەندىلا ئاندىن ئۇنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە سۇبيېكتىپ جەھەتتە يۈزىمىزنى يۇيۇشنى خالىمىساقمۇ، لېكىن يۈزىمىزنى يۇيۇپ، تېرىمىزنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
«شىنخۇا تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى